باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كامىروننىڭ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، شوتلاندىيەگە تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بەرمىگەنلىكى تەنقىد قىلىندى

2014.10.15 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇپ بىر ئايدىن كېيىن، شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلغۇچى گۇرۇھ 14-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامىرون شوتلاندىيەگە ئاسىيلىق قىلىپ، شوتلاندىيە پارلامېنتىغا چىقىم قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بېرىش توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلدى.

  9-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇستەقىللىقنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشتىن ئىلگىرى، شوتلاندىيەنىڭ ئەنگلىيەدە قېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئەنگلىيەدىكى ئۈچ چوڭ ئاساسلىق پارتىيە شوتلاندىيەگە تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى.

  شوتلاندىيە مىللەت پارتىيەسىنىڭ باشلىقى سارمىندى مۇنداق دېدى: كىشىلەر كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار بۇندىن ئىلگىرى بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلدى.

  ئۇ كېيىنكى ئايدا مىللەت پارتىيەسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قالىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: شوتلاندىيە خەلقى لوندون دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئالدىغانلىقىغا غەزەپلەنگەنلىكتىن، 2015- يىلىدىكى پارلامېنت سايلىمىدا ئاساسلىق پارتىيەلەردىن ئۆچ ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر