باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆڭۈل ئىچىش

ھېكايە فىلىم «نىساخان» سۈرەتكە ئېلىندى

2014.10.16 10:39   مەنبە: خەلق تورى

ھېكايە فىلىم «نىساخان» سۈرەتكە ئېلىندى

  مۇناسىۋەتلىك خەۋەر: ھېكايە فىلىم «نىساخان»نى سۆرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەستىقلىغان، كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مەبلەغ بىلەن قوللىغان، كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى يېتەكچىلىك قىلغان، ناھىيەلىك مەدەنىيەت–تەنتەربىيە-رادىيو–تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ماسلاشتۇرغان، تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيەسى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلەشنى ئۈستىگە ئالغان كەڭ ئېكرانلىق ھېكايە فىلىم «نىساخان» نى سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتى 26-سېنتەبىر كۇچا ناھىيەسىدە رەسمىي باشلىنىپ، 13–ئۆكتەبىر ئاخىرلاشتى .

  بۇ فىلىمدە 1902–يىلى كۇچا ناھىيەسى (كونا شەھەر) دە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن خەلق سەنئەتكارى، ئەل سۆيگەن خەلق ناخشىچىسى نىساخان ئانىنىڭ مول مەزمۇنلۇق ياڭراق ناخشىلىرى بىلەن ئاممىغا مەنىۋى زوق ئاتا قىلىپ، يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى يېڭى مەدەنىيەتكە، تەرەققىياتقا يۈزلىنىپ، خۇراپاتلىق، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەپ، ناھىيەنىڭ ئەدەبىيات–سەنئەت ئىشلىرىغا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرى، شۇنداقلا كۇچا ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەينى چاغدىكى يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيەت–سەنئىتى، كىيىم–كېچەك، يېمەك–ئىچمەك، ئۆرپ-ئادىتى ۋە ئاقكۆڭۈل، باتۇر، ئەمگەكچان، مېھماندوسلۇقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن .

  خەلق سەنئەتكارى، ئەل سۆيگەن خەلق ناخشىچىسى نىساخان ئانا ئەينى چاغدا «مىراجىخان» ،«كارىز ناخشىسى» قاتارلىق ناخشىلارنى بىر قولىدا دۇتار، بىر قولىدا داپ بىلەن ئورۇنداپ ئەل ئىچىدە داڭ چىقارغان. ئۇ 60-يىللارنىڭ باشلىرىدا كۇچا ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 500 دىن ئارتۇق كۇچا خەلق ناخشا تېكىستىنى يىغىپ رەتلىگەن ۋە ئورۇندىغان ھەم 100 دىن ئارتۇق ياش ناخشىچىنى تەربىيەلىگەن؛ ئازادلىقتىن كېيىن، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر خەلق سەنئەتكارلىرى كۆرىكىگە قاتنىشىپ ، ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ ماۋ زېدوڭ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن . 1987-يىلى ۋاپات بولغان .ئىگىلىنىشىچە، بۇ فىلىمدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 30 دىن ئارتۇق دۆلەتلىك 1-، 2-دەرىجىلىك داڭلىق كىنو ئارتىسى، كۈسەن ناخشا–ئۇسسۇل ئۆمىكى، مۇقام سەنئەت ئۆمىكىدىكى 70 دىن ئارتۇق ئارتىس ۋە 2000 غا يېقىن ئامما ئاساسلىق، قوشۇمچە ۋە ئاممىۋى رول ئېلىشقا قاتناشقان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داڭلىق كىنو ئارتىسلىرى ئەڭ كۆپ قاتناشقان ھەم كۈسەن دىيارىدىكى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشى خام ماتېرىيال قىلىنغان فىلىم ئىكەن. بۇ فىلىم كېلەر يىلى 4-ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن .

  فىلىمدە كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مىللىي ئۆرپ–ئادەت ۋە قويۇق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، كۈسەن مەدەنىيەت ماركىسىنى يارىتىپ، غەربىي يۇرت مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى قېزىش ۋە كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .

  سۈرەتتە: «نىساخان» فىلىمىدىن كۈرۈنۈشلەر.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز