باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە 7162 نەپەر پارتىيە ئەزاسى قىمار ئويناش ۋە قىمارغا چېتىلىش سەۋەبىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، ئەمەلدارلار قىمار سورۇنى پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋاسىتىسىگە ئايلاندى

2014.10.14 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   مەملىكەت بويىچە 7162 نەپەر پارتىيەلىك كادىرقىمار ئويناش ۋە قىمارغا چېتىلىش سەۋەبىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندىمۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى:«ئەمەلدارلارئارىسىدىكى قىمار خاھىشى»نىڭ زىيىنى چوڭ، ئۇنى قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ تۈزەشكېرەك.مەركەزئەمەلدارلاردىكى قىمار ئويناش قىلمىشىنى تۈگىتىپ، ئەمەلدارلار قىمار ئويناش ئەھۋالىنىڭيامراپ كېتىشىنى چەكلەشكە بەل باغلىدى. مەركەز ئېلان قىلغان بىرتىزىملىك ئىسپاتلىدىكى، ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىنبۇ يىل 9-ئايغا قەدەر، پۈتۈن مەملىكەت بويىچەپارتىيەلىك كادىرلارنىڭ قىمار ئويناش ۋە قىمارغا چېتىلىش دېلوسىدىن 6122 تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ،چېتىلغان ئادەم7162 كە يەتكەن.

  ئەمەلدارلارنىڭ خىيانەتچىلىك-چىرىكلىك مەسىلىسى ھەمىشە ئۇلارنىڭ قىمار خۇمارىنىڭ تەسىرىدە ئەۋج ئالىدۇ، «قانۇنچىلىق گېزىتى»ئەمەلدارلارنىڭ قىمار قەرزىنى تۆلەش ۋە قىمار دەسمايىسىنى جۇغلاش ئۈچۈن، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ خىيانەت قىلىپ، پارا ئېلىپ، ھۆكۈمەت مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلىتىپ، ئاخىرى جىنايەت يولىغا كىرىپ قالغانلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىم خەۋەر بەردى.

  «قانۇنچىلىق گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئەمەلدارلاردىكى قىمار ئويناشنى قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ تۈزەش كېرەك، قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە قاتتىق زەربە بېرىش پارتىيەلىك كادىرلاردىكى قىمار خاھىشىنى چەكلەشنىڭ ئاچقۇچى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ قىمار ئويناش ۋە قىمارغا چېتىلىش ھەققىدىكىتىپىك دېلولارنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر