شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «تارىم»ژۇرنىلى نەشرىياتى بىلەن تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى ئارقىسىدا 11 – ئۆكتەبىر كۈنى تۇرپان شەھىرىدە «شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى – تۇرپان مۇشائىرە پائالىيىتى» ۋە «مۇھەممەت شاھنىياز ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، پروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى ئازاد سۇلتان، خەلق قۇرۇلتىيى تۇرپان ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىكرام غوپۇر، مۇئاۋىن ۋالىي ئۆمەرجان مۇھەممەت، سىياسىي كېڭەش تۇرپان ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مۆمىن رۇستەم، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ باش كاتىپى ئەپرىدىن نەجمىدىن قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «تارىم»ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ باشلىقى، شائىر، ژۇرنالىست ياسىن زىلال بىلەن تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، شائىر، يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق رىياسەتچىلىك قىلدى.