باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پوسكامدىكى ئاچقۇچ تاپشۇرۇش تۈرى قۇرۇلۇشى ــــ پوسكام ناھىيەلىك مەدەنىيەت-مائارىپ مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا

2014.10.16 08:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز توختى قۇربان خەۋىرى: پوسكام ناھىيەلىك مەدەنىيەت–مائارىپ مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرى شاڭخەي شەھرىنىڭ ساھەلەر بويىچە ياردەم بىرىش تۈر خىزمىتىدىكى 4 تۈرلۈك ئاچقۇچ تاپشۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە ، بۇ تۈر قۇرۇلۇشى جىددى ئېلىپ بېرىلماقتا، بۇ تۇر قۇرۇلۇشىغا ۋاقىتلىق ئەسلىھەلەرنى ئورنىتىش ۋە قۇرۇلۇش ئۇلىغا بېتون قويۇش قۇرۇلۇشى تاماملانغان بولۇپ، بۇ يىل ئاساسىي گەۋدىسىنى پۈتكۈزۈش مولچەرلەندى. ئىگىلىنىشچە پوسكام ناھىيەلىك مەدەنىيەت–مائارىپ مەركىزىنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 12 مىڭ 836 كۋادراتمېتىر ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 10 مىڭ 987 كۋادراتمېتىر بولۇپ، قۇرۇلۇشقا شاڭخەي شەھىرى 57 مىليون 548 مىڭ 300 يۈەن مەبلەغ سالغان بولۇپ. مەدەنىيەت– مائارىپ مەركىزىدە كۇتۇپخانا ، مەدەنىيەت يۇرتى ، مۇزېي، گۈزەل–سەنئەت سارىيى، ياشلار–ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر