باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى ئونسۇ ناھيەسىدىكى چىلان ھوسۇلغا تەسىر يەتكۈزدى

2014.10.14 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئئىختىيارىي مۇخبىرلىرمىز مۇنىرىددىن تۇنياز، تۇردى راخمان، خې چۈنلىن خەۋىرى: ھازىر چىلاننىڭ قەنت تەركىبى ئاشىدىغان مەزگىل بولۇپ، ھاۋا كىلىماتىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى چىلان سۈپىتى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ. 9-دېكابىر سەھەردىكى بوران-يامغۇرلۇق ھاۋارايى ئونسۇ ناھيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ بىر يىللىق چىلان مەھسۇلاتىغا زور تەسىر يەتكۈزدى.جۇ نەنفۇ 100 مىڭ مولۇق ئېكولوگىيەلىك باغچە رايونىدىكى دېھقان بولۇپ، بۇ يىل سېلىنغان مەبلەغ يېتەرلىك، باشقۇرۇش جايىدا بولغاچقا ئۇنىڭ 17.5 مو چىلىنى ياخشى ئوخشىغان ئىدى. بىراق تۇيۇقسىز كەلگەن بورانلىق يامغۇر ئۇنىڭ چىلانلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە قېقىۋەتتى. جۇ نەنفۇ ھەممە يەردە چېچىلىپ تۇرغان چىلاننى كۆرۈپ ئىنتايىن بىئارام بولدى.

  جۇ نەنفۇ مۇنداق دېدى: تۈنۈگۈن كەچ بوران چىقىپ يامغۇر ياغدى، پۇقرالار بەك ئەنسىرىدۇق،بىراق ئامال قىلالمىدۇق. بۇ قېتىمقى يامغۇر ئاپىتى بىر يىللىق جاپالىق ئەجرىمىزنى يوق قىلدى. مۇشۇنداق بولۇۋەرسە بىز پۇقرالار بەرداشلىق بېرەلمەي قالىمىز.ئىگىلىنىشىچە،ھازىر چىلاننى قىروۋدىن كېيىن يىغىدىغانغا يەنە يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بار ئىكەن. جۇ نەنفۇنىڭ بوراندا قېقىلىپ كەتكەن چىلانلىرىنىڭ قەنت تەركىبى بىلەن سۈپىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا پەقەت دەرھال تېرىپ قۇرۇتقاندىن كېيىن ئەرزان باھادا بىرتەرەپ قىلىشقا بولىدىكەن.بىراق بۇ ئۇنىڭ كىرىمىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن.

  جۇ نەنفۇ مۇنداق دېدى: سائەت 12 دە بوران چىقىپ يامغۇر ياغدى. بوران ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا چىلانغا زور تەسىر يەتكۈزدى. مۇشۇنداق بولۇۋەرسە پۇقرالارنىڭ كىرىمى زور تەسىرگە ئۇچرايدۇ. يەنى چىلان سۈپىتى بىلەن قەنت تەركىبى ئۆلچەمگە يەتمىسە ياخشى باھادا سېتىلماي زىيان ئېغىر بولىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر