باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باي ناھىيەسىدە «ئۈچ بازا» دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلانماقتا

2014.10.14 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى: باي ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ كۆپ يىللىق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق قىزىل يېزىسى، سايرام بازىرى، توقسۇن يېزىسى، ئونباش يېزىسىنى ئاساس قىلغان ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، چوڭكۆۋرۈك يېزىسى، مىچىغ يېزىسى، ئونباش يېزىسى، سايرام بازىرى، توقسۇن يېزىسىنى ئاساس قىلغان ياڭاق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ياتۇر يېزىسى، توقسۇن يېزىسى، سايرام بازىرى، بۇلۇڭ يېزىسىنى ئاساس قىلغان ئۆرۈك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن، باغ ئورمانچىلىق تەرەققىي قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى يارقىن نۇقتا، يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئېشىش نۇقتىسى، رايون ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ تىرەك نۇقتىسى، شۇنداقلا يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچەش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. ھازىر ناھىيە بويىچە ئىقتىسادىي ئورمان 221 مىڭ موغا، بۇنىڭ ئىچىدە ياڭاقلىق كۆلىمى 103 مىڭ 400 موغا، ئۈزۈم 48 مىڭ 500 موغا، ئۆرۈكلۈك كۆلىمى 65 مىڭ 900 موغا، چىلان قاتارلىق باشقا ئىقتىسادىي ئورمان كۆلىمى 3 مىڭ 200 موغا، مېۋىگە كىرگەن كۆلەم 182 مىڭ 600 موغا، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 78 مىڭ 600 توننىغا، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 142 مىليون 174 مىڭ يۈەنگە، كىشى بېشى ئوتتۇرچە كىرىمى 718.12 يۈەنگە يەتتى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر