باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇمھۇرىيەت ئاسمىنىدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى مەڭگۈ لەپىلدەتكەن خۇدابەردى ئىمىن

2014.10.14 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرلىرمىز مۇنىرىددىن تۇنياز، تۇردى راخمان، خې چۈنلىن خەۋىرى: جۇڭگو-قىرغىزىستان چېگراسىغا 60 كىلومېتىر كېلىدىغان ئونسۇ ناھيەسىنىڭ تۇمشۇق بازىرى لەڭگەر كەنتىدىكى بىر ئۇيغۇر بوۋاي ھەر كۈنى ئەتىگەن دەل ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ قورۇسىدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق چىقىرىدۇ، ئۇ دەل بۇ يىل 76 ياشقا كىرگەن مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى خۇدابەردى ئىمىن.1-ئۆكتەبىر ئەتىگەن، ئاقسۇ قوراللىق ساقچى تارماق ئەترىتىدىكى كوماندىر- جەڭچىلەر خۇدابەردى ئىمىننىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا ئوتقاشتەك يېپ-يېڭى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق سوۋغا قىلدى ھەمدە بوۋاي بىلەن بىرلىكتە بايراق چىقاردى.

  ئاقسۇ قوراللىق ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ جەڭچىسى چاڭ خەيلۇڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈن تارماق ئەترەت بىزنى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا تەشكىللىدى. مەن ج خ چېگرا مۇداپىئە جەڭچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ناھايىتى ھاياجانلاندىم. بۇنىڭدىن كېيىن مەن جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، ئەمەلىي ماھارەت ئىگىلەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىمەن.ئېگىز چىقىرىلغان دۆلەت بايرىقى ئاستىغا ئېسىلغان پارتىيە بايرىقى ئالدىدا مۇقىملىقنى قوغداپ كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرنى بىرتەرەپ قىلىشىنىڭ 1-سېپىدە تۇرۇۋاتقان قوراللىق ساقچى كوماندىر-جەڭچىلىرى ئوڭ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى قايتا ئەسلىدى ھەمدە بەس-بەستە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت داۋامىدا ئىش ئورنىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، جاپاغا چىدا ماھارەت ئىگىلەپ، ئاكتىپ ئىشلەپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ئاقسۇ قوراللىق ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ جەڭچىسى چاڭ خەيلۇڭ مۇنداق دېدى: چېگرا مۇداپىئە قوراللىق ساقچى جەڭچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن رەئىسنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە مەھكەم ساقلاپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئېتىقاد، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان خىزمەت قىزغىنلىقى بىلەن چېگرانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىمىزنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىغا سوغا تەقدىم قىلىمىز.

  بۇ يىل دۆلەت بايرىمىدا خۇدابەردى ئىمىن بوۋاي سەھەر تۇرۇپ ھويلىسىنى پاكىزە سۈپۈرگەندىن كېيىن، يېڭى پول سۈرتكۈچ بىلەن بايراق خادىسىنىڭ سۈپىسىنى قايتا-قايتا سۈرۈتۈپ تازىلاپ، ئۆزىنىڭ ۋەتەنگە بولغان چەكسىز قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى. 1991-يىلىدىن بۈگۈنگىچە بولغان 23 يىلدا مەيلى يامغۇر ياغسۇن ياكى بوران چىقسۇن ئۇ ئەزەلدىن بايراق چىقىرىشنى توختىتىپ قويماي ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 8 دانە بايراق خادىسى، 44 دانە دۆلەت بايرىقى ئىشلەتتى.

  خۇدابەردى ئىمىن مۇنداق دېدى: بۈگۈن دۆلىتىمىزنىڭ 65 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى. بىز ھازىر بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز، ۋەزىيەت ۋە تەرەققىيات ئىنتايىن ياخشى، كۆڭلۈم ناھايىتى خۇش.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر