باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە چاۋشيەننىڭ تەھدىتىگە «مۇۋاپىق» تاقابىل تۇرۇشنى ئويلىشىدۇ

2014.10.14 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە بىرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىم بيوڭچىر 13-چېسىلا مۇنداق دېدى: «چاۋشيەن كورېيەدىكى تەشكىلاتلىرىنىڭ چاۋشىيەنگە قارشى تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقىتىش ۋەقەسى ھەققىدە كەينى-كەينىدىن تەھدىت سالدى، كورېيە تەرەپ "مۇۋاپىق" تەدبىر قوللىنىپ تاقابىل تۇرۇشنى ئويلىشىدۇ» دېدى.

  لىم بيوڭچىر تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: كورېيە ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقىتىشىنى چەكلىيەلمەيدۇ. بۇرۇن ئېيتقىنىمىزغا ئوخشاش، ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقىتىشىنى مەجبۇرىي چەكلەشكە قانۇنىي ئاساسى يوق.

  لىم بيوڭچىر مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مەسئۇل، مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ». ئۇنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، كورېيە تەرەپ پۇقراۋى تەشكىلاتلارنى چاۋشيەنگە قارشى تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقىتىش ئىشىدا ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا دەۋەت قىلغان. كورېيە زۇڭتۇڭى پارك گۆنھىي 13-چېسلا سىئولدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق يىغىندا، كورېيە بىلەن چاۋشيەن سۆھبەت ئارقىلىق جىددىي مۇناسىۋەتنى پەسەيتىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەمما چاۋشيەن ئىغۋارگەرچىلىك قىلسا قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  چاۋشيەن بۇرۇن چاۋشيەنگە قارشى تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقىتىش توغرىسىدا كورېيەنى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغان. مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى، چاۋشيەن كورېيە پۇقراۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ گىيوڭگې ناھىيەسى ئەتراپىدا ھاۋادىن تاشلىغان چاۋشيەنگە قارشى تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىغا پىلىموت ئاتقان، نۇرغۇن ئوق كورېيە چېگراسىغا چۈشكەن، كەينىدىن كورېيە ھەربىي تەرەپمۇ ئۇق چىقارغان.

  چاۋشيەن-كورېيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىنىڭ چاۋشيەن تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باياناتچىسى 12-چېسلا مۇنداق دېدى: «ئەگەر كورېيە ھاۋادىن تەشۋىقات ۋاراقچىسى تاشلاش قاتارلىق «زور ئىغۋارگەرچىلىك قىلمىشى»نى داۋاملاشتۇرسا چاۋشيەن تېخىمۇ كۈچلۈك زەربە بېرىدۇ».

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر