- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
كىم جۇڭئېن يوقاپ كېتىپ 40 كۈندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئاشكارا كۆرۈندى
2014.10.14 15:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «يېڭى خەلقئارا»مىكروبلوگىنىڭ 14-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ سەھەردىكى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، چاۋشيەننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېن يېڭىدىن قۇرۇلغان سۈنئىي ھەمراھ ئالىملار ئولتۇراق رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولدى ۋە نەق مەيداندا قوماندانلىق قىلدى، دېيىلگەن. بىراق كۆزىتىش ۋاقتى دېيىلمىگەن. بۇ كىم جۇڭئېننىڭ 3-سېنتەبىر مودەنگۈل كونسېرت ئۆمىكىنىڭ يېڭى مۇزىكا كونسېرتىنى كۆرگەندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم ئاشكارا كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئارىلىقتا ئۇ بىر قاتار مۇھىم پائالىيەتلەرگە قاتناشمىغان. چاۋشيەن 26-سېنتەبىر كىم جۇڭئېننىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
مەلۇماتتا دېيىلىشىچە، بۇ ئولتۇراق رايوننىڭ كۆپىنچىسى ئېگىز قەۋەتلىك ياتاق بىناسى، مەكتەپ، دوختۇرخانا، باغچا ۋە تۈرلۈك پاراۋانلىق ئەسلىھەلىرىدىن تەشكىللەنگەن. كىم جۇڭئېن ئولتۇراق رايون سخېمىسىنىڭ ئالدىدا قىسقىچە چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ ئولتۇراق رايوننى كۆزدىن كەچۈرگەن. چاۋشيەن «ئەمگەكچىلەر خەۋىرى» 14-چېسلا باش بېتىگە كىم جۇڭئېننىڭ كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىگە ئالاقىدار سۈرەتلەرنى تارقاتقان.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر