- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېبورا يۇقۇمىنىڭ ھاۋا ئارقىلىق تارقالمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى
2014.10.14 11:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 6-ئۆكتەبىر ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئېبورا ۋىرۇسى ھاۋا ئارقىلىق تارقالمايدۇ ھەمدە كېسەللىك ۋىرۇسىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقى ئىسپاتلانمىدى. شۇڭا، «ئېبورا ۋىرۇسىدا ھاۋا ئارقىلىق تارقىلىدىغان ئۆزگىرىش بولدى» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئاساسى يوق. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: تەتقىقاتتا بۇندىن بۇرۇنقى بارلىق ئېبورا بىمارلىرىنىڭ كېسەللىك كۆرۈلگەن بىمارلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقاندا يۇقۇملانغانلىقى كۆرسىتىلدى. ئېبورا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئۇسۇلى بىمارلارنىڭ تىنىدىكى سۇيۇقلۇق بىلەن بىۋاسىتە قويۇق ئالاقىسى بار. بۇنىڭ ئىچىدە بىمارلارنىڭ قېنى، تەرىتى، قۇسۇشىدىن تارقىلىشى ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، بىمارلارنىڭ سۈتى، كىچىك تەرىتى، مەنئى سويۇقلۇقىدىنمۇ كېسەللىك ۋىرۇسى بايقالدى. كۆز يېشىدىن مەلۇم دەرىجىدە تاقىلىش خەۋپى بار، بىراق بىمارلارنىڭ تەر ئەۋرىشكىسىدىن مۇكەممەل تىرىك تەنلىك كېسەل ۋىرۇس بايقالمىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر