باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

6-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياۋروپا مۇنبىرى ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنى 11-ئۆكتەبىر يېپىلدى

2014.10.14 11:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياۋروپا مۇنبىرى ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنى 11-ئۆكتەبىر يېپىلدى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئۆزئارا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشىپ، كەڭ كۆلەمدىكى تېمىلاردا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى ھەمدە ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى قانداق قىلىپ ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە نۇرغۇن ئورتاق تونۇشقا كەلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنى يۇقۇرى ئۆلچەمدىكى جۇڭگو ياۋروپا مۇنبىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ سىياسى ساھەسىدىكىلەر يۇقۇرى قاتلامدىن ئۇچرىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتەك سىايسى مۇددىئاسىنى ئىپادىلىدى، باشلىقلار يىغىنىنىڭ رەئىسى شۈ سى يېپىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا كەلگەن مېھمانلار ئەڭ كۆپ بولدى، جۇڭگو ۋە ياۋروپانىڭ سىايسى، ئىقتىساد، ئىلىم ساھەسىدىن كەلگەن 500 دىن ئارتۇق ئەرباب كۆزقاراش، پىكىر، تەكلىپ جەھەتتە ئورتاقلاشتى، باشلىقلار يىغىنى مۇۋاپپەقىيەتلىك بولدى.

  ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى شۇلتىست مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا بىلەن جۇڭگو كەڭ ئورتاق مەنپەتكە ئىگە ھەمكارلىق شېرىكلىرى، ياۋروپا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى ئالدىنقى ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى، ياۋروپا جۇڭگو بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى بالدۇرراق ئىمزالاپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

  گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنسىتىرى سىتېيىنمېل مۇنداق دېدى؛ جۇڭگو يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، ياۋروپا جۇڭگو ھەمكارلىقى گېرمانىيە بىلەن جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، زۇڭلى لى كچياڭ گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق ھەرىكەت پروگراممىسىنى ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلقى ئۈچۈن ئۇلۇغ پىلان تۈزۈپ بەردى، بۇ كارخانا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ، گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن بىرگە خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گېرمانىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق خەلقائرا سىياسى، ئىقتىساد تەرتىپى ئورنىتىشقا بىرلىكتە كۈچ چىقىرىدۇ.

  باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە يىغىنغا قاتناشقۇچىلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ۋەزىيىتى، جۇڭگونىڭ ياۋروپاغا مەبلەغ سېلىشى، غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ قانداق قىلىپ جۇڭگونىڭ شەھەرلەشتۈرۈش ئىشلىرىغا قاتنىشىشى، قانداق قىلىپ جۇڭگو ماركىلىرىنىڭ خەلقارادىكى داڭقىنى ئاشۇرۇش، جۇڭگو ياۋروپا سودىسى، جۇڭگو ئىقتىسادى يېشىل يولى قاتارلىق تېمىلاردا چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ باردى، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ مەبلەغ سېلىش ھەمدە سودا رىقابىتى ھەققىدىكى تېمىلار بەك قىززىپ كەتتى.

  جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياۋروپاغا بىۋاستە سالغان مەبلىغى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، جۇڭگو ياۋروپا ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى، 2013-يىلى جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا سالغان بىۋاستە مەبلىغى 3 مىليارد 620 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلار ياۋروپانىڭ 120 كارخانىسىنى سېتىۋالدى ياكى قېتىۋالدى، بۇ تارىختىكى ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيە، سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ياۋروپاغا سالغان مەبلىغى يەنىلا داۋاملىق ئېشىپ بېرىۋېرىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياۋروپانىڭ جۇڭگوغا سالغان مەبلىغىمۇ مۇقىم ئېشىۋېتىپتۇ، بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا سالغان مەبلەغ سېلىش تۈرى 840 غا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.3 ئاشقان.

  ياۋروپادىكى ئەربابلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق، ئۇنى يەنىمۇ كېڭەيتىش بوشلۇقى كەڭ، ياۋروپا جۇڭگونىڭ چەتئەل كارخانىلىرىغا مەبلەغ سېلىش بازىرىنى يەنىمۇ ئېچىۋېتىشىنى بولۇپمۇ مۇلازىمەت ساھەسىنى ئېچىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  جۇڭگو سانائەت ئىقتىسادى بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى لى يىجۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا سودا قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، بازارنى يەنىمۇ ئېچىۋېتىپ، ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنىڭ سودىنى باشلامچى قىلىشتىن سودا ۋە مەبلەغ سېلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىشى، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشقا ئىلھام بېرىپ، مۇلازىمەت ساھەسىنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مۇكەممەل ئۆزئارا مەبلەغ سلېىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاستا ئەسلىگە كېلىۋاتقان يەر شارى ئىقتىسادىغا ھاياتى كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنى يېشىل تەرەققىيات يولىغا كىرگۈزۈپ،ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات بىلەن مۇھىت ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىنى ئىزدەپ تېپىش ياۋروپا كارخانىلىرى ئۈچۈن غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، بولۇپمۇ ياۋروپانىڭ تىرىلمە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئۈستۈنلۈكى ۋە تېخنىكىسى جۇڭگونىڭ يېشىل ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردىمى بولىدۇ.

  ئىلگىركىگە سېلىشتۇرغاندا بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا سەنئەت كەيپىياتى قويۇق بولدى، جۇڭگو ماي بوياق يۇرتىنىڭ باشلىقى ياڭ فېييۈن قاتارلىق جۇڭگودىن كەلگەن 7 رەسسام بىرلىشىپ ھامبۇرگ تەسىراتى ناملىق ئۇزۇن رەسىمنى سىزىپ چىقتى، ئەسەر باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسى يىغىن مەيدانى ھامبۇرگ سودا كېڭىشى مەركىزى زالىغا قويۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىتى.

  ياڭ فېييۇن مۇنداق دېدى: ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدا تۇنجى قېتىم سەنئەتكارلار تەكلىپ قىلىندى، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، پائالىيەت ئارقىلىق جۇڭگو ياۋروپا مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن يول ئېچىلىشى، كەلگۈسىدە مەدەنىيەت مۇنبىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا سىڭدۈرۈلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر