باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «چىگرا رايون ئۈچۈن بەخت يارىتايلى» دېگەن تېمىدىكى مۇلاھىزىسى ئېلان قىلىندى(1)

2013.09.25 16:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى 23-سېنتەبىر «چېگرا رايون ئۈچۈن بەخت يارىتىش» دېگەن تېمىدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش نەتىجىلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسى ئېلان قىلىندى.

  2010-يىلى ئېچىلغان پۈتۈن مەملىكەتنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستىرادىگىيىلىك نىشانى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قەتئىي رەھبەرلىكى ئارقىسىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، شەھەر، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرى، كارخانىلار بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭنىڭ يېتىشىۋېلىپ ئېشىپ كېتىشكە جۈرئەت قىلىش يېڭى مېلودىيىسىنى بىرلىكتە يېزىپ چىقتى.

  مەركەزنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن، 19 ئۆلكە، شەھەر شىنجاڭنىڭ 12 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 82 ناھىيە، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەندىكى 12 دىۋېزىيەگە نىشانلىق ياردەم بەردى. ئىلگىرىكى كادىرلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە قېلىپتا داۋاملىق يېڭلىق يارىتىلىپ، ئىقتىساد، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىلدى، «قان بېرىش» بىلەن «قان ئىشلەش»، «قاتتىق دېتال» بىلەن «يۇمشاق دېتال»، «نىشانلىق ياردەم بېرىش» بىلەن «ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش» بىرلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى، ئىناق مۇقىملىقىغا ئومۇمىي جەھەتتىن ياردەم بېرىلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر