باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭگو ئارزۇسى دېگەن نېمە؟ ئۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

لېڭ رۇڭ

2013.04.26 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئارزۇسى بىر غايە، بىر نىشان، شۇنداقلا بىر رىياللىق. ئۇ ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆز ئەكسىنى تېپىپ تۇرىدۇ. جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۇقرالارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دېگەنلىكتۇر. «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىزدۇر.»

  جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشىنى بەرپا قىلىشتا ۋەزىپە ئېغىر، مۇساپە ئۇزۇن. بۇنىڭ ئۈچۈن قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان روھ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان كۈچ-قۇۋۋەت بولۇشى كېرەك. شۇنداقلا ھەر بىرىمىز جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم. كىشىلىك ھاياتتىكى بارلىق بەخت جاپالىق ئەمگەك ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.

  يولداش شى جىنپىڭ «گۈللىنىش يولى» ناملىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان چاغدا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئۇ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىدە، بۇ ئىدىيەسىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ ئۆتتى. رۇسىيەگە، ئافرىقا ئەللىرىگە زىيارەتكە بارغاندا ۋە ئاسىيا بوئاۋ مۇنبىرىگە قاتناشقاندا سۆزلىىگەن سۆزىدە، بۇ ئىدىيەنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ شەرھلىدى. نۆۋەتتە، جۇڭگولا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا جۇڭگو ئارزۇسىغا كۆڭۈل بۆلمەكتە، شۇنداقلا جۇڭگو ئارزۇسىدىن مەنپەئەتلىنىشنى ئۈمىد قىلماقتا. خۇددى يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئېيتقىنىدەك، بىز جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرساق، جۇڭگو خەلقىگىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىگىمۇ بەخت ياراتقان بولىمىز.جۇڭگو ئارزۇسى جۇڭگو خەلقىنىڭ، جۈملىدىن دۆلەت سىرتىدىكى قېرىنداشلارنىڭ، پۈتۈن دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئورتاق قەلب ساداسى، ئورتاق ئارزۇسى، ئورتاق ئىرادىسى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئورتاق تونۇشى ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتىنىنى يۈكسەلدۈرۈش، مىللىتىنى روناق تاپقۇزۇش قىزغىنلىقى ئەڭ يۇقىرى چەكتە قوزغىتىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە