باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>گۈزەل-سەنئەت

داۋىنچىنىڭ يەنە بىر پارچە «ياش مۇنالىزا» رەسىمى بايقالدى(1)

2013.02.17 14:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئىككى رەسىمنىڭ سېلىشتۇرمىسى
  چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 300 نەچچە يىلدىن بۇيان پۈتۈن دۇنيادا داڭق چىقارغان رەسىم «مۇنالىزا» فىرانسىيەنىڭ لىلورۋې سارىيى (Li Louvre) دا ساقلىنىپ كەلدى ۋە شۇنداقلا داڭلىق رەسسام داۋىنچىنىڭ دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى. بىراق ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گىزىتى» نىڭ 14-فېۋرال خەۋەر قىلشىىچە، يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولىشىچە، ئالدىنقى يىلى جامائەتچىلىككە ئاشكارلانغان «ئىسلېۋورس مۇنالىزا» (Isleworth Mona Lisa) مۇ دەل داۋىنچىنىڭ ئەسىرى ئىكەن، ئۇندىن باشقا مەزكۇر «ئىسلېۋورس مونالىزا» نى ياراتقان ۋاقىت «مۇنالىزا» نى سىزغان ۋاقىتتىن خېلىلا بۇرۇن ئىكەن.

  «ئىسلېۋورس مۇنالىزا» رەسىمىدىكى ئايالغا قارىغاندا بۇياقلىرى ناھايىتى رەڭدار كۆرىنەتتى، ئۇنىڭ يۈزلىرىدە يەنە تېخى يىللارنىڭ قورۇق ئىزناسى كۆرۈلمەيدۇ، ئۇندىن باشقا ئۇ ئايالنىڭ چىرايى، زىبۇ-زىننەتلىرى، قول ھەركىتى ۋە سىرلىق كۈلۈشلىرى «مۇنالىزا» غا ناھايىتى بەك ئوخشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن «ئىسلېۋورس مۇنالىزا» كىشىلەر تەرىپىدىن «ياش مۇنالىزا» دەپ تەرىپلەنگەن.

  1913-يىلى لوندون ئىسلېۋروسدا ئولتۇرۇشلۇق يىغىپ ساقلىغۇچى ھاگ بلەكبۇرن (Hugh Blackburn) مەزكۇر سۈرەتنى سېتىۋالغان بولۇپ، مەزكۇر رەسىم «ئىسلېۋورس مۇنالىزا» دەپ ئاتالغان. 1936-يىلى ھاگ بلەكبۇرن ۋاپات بولغاندىن كىيىن رەسىمگە ئۇنىڭ ئاچىسى جەن بىلەك (Jane Black) ۋارىسلىق قىلغان. 1947-يىلى جەن بلەك ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئامېرىكىلىق يىغىپ ساقلىغۇچى ھىنرىي پۇلىتزېر (Henry Pulitzer) مەزكۇر رەسىمنى سېتىۋالغان ۋە كىيىن قىز دوستىغا سوۋغا قىلغان.

  مۇشۇنداق قىلىپ مەزكۇر رەسىم قولدىن قولغا ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە شىۋىتسارىيەدىكى مەلۇم تەشكىلاتنىڭ قولىغا ئۆتكەن ۋە شۇنداقلا بانكىنىڭ قىممەتلىك بۇيۇملارنى ساقلاش ئورنىدا 40 يىل ساقلانغاندىن كىيىن يېقىندا دۇنيا ئەھلى ئالدىدا يەنە بىر قېتىم قايتا نامايەن بولغان. شىۋىتسارىيە مونالىزا فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى داۋىد فېلدمەن (David Feldman) مۇنداق دېدى: مەزكۇر رەسىم جامائەتچىلىككە ئاشكارە قىلىنغاندىن كىيىن مەن ئىتالىيەدىكى گېئومېتىرىيە مۇتەخەسسىسى ئالفونسو رۇبىنو (Alfonso Rubino) بىلەن ئالاقىلەشتىم. ئالفونسو رۇبىنو داۋىنچىنىڭ يەنە بىر رەسىمى «ۋىترۇۋىئان ئادىمى» (Vitruvian Man) ناملىق رەسىمى بىلەن گېئومېتىرىيە تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ سېلىشتۇرغاندىن كىيىن «ئىسلېۋورس مۇنالىزا» نىڭ گېئومېتىرىيەلىك قۇرۇلمىسىنىڭ ھەقىقىي «مۇنالىزا» نىڭكى بىلەن ناھايىتى ماس كىلىدىغانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن «ئىسلېۋورس مۇنالىزا» نىڭ راستىنلا داۋىنچىنىڭ ئەسىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاپ چىقىلغان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە