باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>گۈزەل-سەنئەت

«مۇقام سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈپ قاتتىق ھاياجانلاندىم»

2013.02.05 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى خەۋىرى ئۆز مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: 4 – فېۋرال ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ غالىبىيەت يولى 193 – نومۇرلۇق قورۇدىكى شىنجاڭ مۇقام تىياتىرىدا تەڭرىتاغ رايونى «ئات بەيگە مەيدانى» مەھەللە ئىش باشقارمىسىدىكى مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى مەمتىمىن بارات تەڭرىتاغ رايونىنىڭ ھەرقايسى ئىش باشقارمىلىرىدىن كەلگەن 600 دىن ئارتۇق مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى بىلەن بىرگە شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ئۆزلىرىگە تەييارلىغان بىر مەيدان ئېسىل مۇقام سەنئەت نومۇرلىرىنى ھاياجان ئىچىدە كۆرمەكتە ئىدى.

  شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى تەييارلىغان چوڭ تىپتىكى مۇقام سەنئەت كېچىلىكى«مۇقام ناۋاسى» نىڭ ئەڭ ئاخىرقى چۈشۈرگىسى مۇشاۋرەك مۇقامىدىن ئارىيە بولغان «ئۈزۈلمەس مىلودىيە» بىلەن ئاياغلاشقان بۇ بىر يېرىم سائەتلىك مۇقام سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى مەمتىمىن بارات مۇنداق دېدى:

  ـــ مۇقام سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈپ قاتتىق ھاياجانلاندىم، ئىلگىرى بۇنداق نومۇرلارنى پەقەتلا ئۆيۈمدىكى 21 دىيۇملۇق تېلىۋېزوردىلا كۆرگەنتىم، بۈگۈن چوڭ سەھنىدە ئارتىسلارنىڭ ئېسىل نومۇرلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.

  ـــ مۇقام بۇرۇن ئوردا سەنئىتى دەپ قارىلاتتى، يەنى بۇرۇن ئۆتكەن خانلارلا ئوردىلىرىدا بۇنداق ئېسىل نومۇرلاردىن بەھرىمان بولالايتتى، مەدەنىيەتنى ئاممىغا يۈزلەندۈرۈش، تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇش بويىچە بولۇپمۇ يېقىندا ئېچىلغان پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىنى قانداق قىلىپ ئىزچىللاشتۇرۇش، مۇقام سەنئىتىنى ئاممىغا يېقىنلاشتۇرۇش، ئامما كۆرەلەيدىغان سەنئەت نومۇرلىرى قىلىپ قويۇش بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويۇلغان مۇھىم ۋەزىپە بولدى،- دېدى شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىنىڭ باشلىقى ئەھمەد ئىمىن زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا،- نەچچە ئايلىق تەييارلىقتىن كېيىن بىز بۇرۇنقى قويۇلغان مۇقام سەنئەت ئەسەرلىرىگە ئوخشاشمايدىغان، زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنە مۇجەسسەملەشكەن، ئاممىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشقان شۇنداقلا بازار تاپالايدىغان بۇ بىر مەيدان مۇقام سەنئەت كېچىلىكى تەييارلاپ چىقتۇق. 3 – فېۋرال ۋە بۈگۈن (4 - فېۋرال) مەخسۇس ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىدىكى 1100 نەپەردىن ئارتۇق مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىغا قويۇپ بەردۇق. ئەمدى كېيىنكى مەيدان نومۇرنى مۇشۇ سوغۇقلاردا شەھەر قاتنىشى ئۈچۈن زور جاپا چېكىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرىغا قويۇپ بېرىمىز.

  ئىگىلىشىمچە، شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى تەييارلىغان چوڭ تىپتىكى مۇقام سەنئەت كېچىلىكى«مۇقام ناۋاسى» بۇرۇن ئوينالغان مۇقام سەنئىتى كېچىلىكلىرىگە قارىغاندا زور ئۆزگىرىش ياسىغان بولۇپ، پۈتكۈل كېچىلىك 3 چوڭ بۆلەكتىن تەركىپ تاشقان، ئېيتىلغان ناخشىلار پۈتۈنلەي مۇقام تېكىستلىرى بولسىمۇ لېكىن، ئوينالغان ئۇسسۇل ۋە سەھنە چىراقلىرىدىن ئۇنىڭدىن زامانىلىۋىق، ئاممىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشقانلىقى تېخىمۇ ئېنىق ئەكىس ئەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە