خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيەدە ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشى 7- ئاينىڭ 1 - كۈنى كەچتە ئاخىرلاشتى.
رۇسىيە كالىنىنگراد شىتاتىدا شۇ جاي ۋاقتى 1- ئىيۇل سائەت 20 دە (موسكۋا ۋاقتى سائەت 21 دە) ئاۋاز بېرىش ئورنىنىڭ تاقىلىشىغا ئەگىشىپ، رۇسىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشى رەسمىي ئاخىرلاشتى.
رۇسىيە مەركىزى سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى پامفىلوۋا شۇ كۈنى كەچتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىش نىسبىتى %65 بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى سانلىق مەلۇمات بەلكىم نۆۋەتتىكى سەۋىيەدىن سەل يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن.
رۇسىيە مەركىزى سايلام كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2- چېسلا ئۇچۇر مەركىزى تەسىس قىلىپ بېلەت تاشلاشنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ