مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىرى يەر شارى ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ۋەدە بەردى

2020.04.23 19:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21- ئاپرېل، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىرى ۋىدېيو يىغىنى ئاچتى. يىغىندىن كېيىنكى باياناتقا ئاساسلانغاندا، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىرى زىچ ھەمكارلىشىپ، كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىپ، يەر شارى ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ۋەدە بەرگەن. باياناتتا، ئاشلىق ۋە مەھسۇلات، يېزا ئىگىلىكى ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىدىكى زۆرۈر سېلىنما بۇيۇملىرىنىڭ داۋاملىق چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى ھەمدە يېزا ئىگىلىكى ۋە پۈتكۈل ئاشلىق تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئىشچىلارنىڭ سالامەتلىكى، بىخەتەرلىكى ۋە پاراۋانلىقىغا داۋاملىق تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

  شۇ كۈندىكى يىغىنغا 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى سەئۇدى ئەرەبىستانى رىياسەتچىلىك قىلدى. 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىرى، ب د ت ئاشلىق-يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ يېزا ئىگىلىك تەمىنلەش زەنجىرى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كونترول قىلىشنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. يىغىنغا قاتناشقان ئەمەلدارلار بىردەك ھالدا مۇنداق دەپ قارىدى: يۇقۇم ئەھۋالى ئارقا كۆرۈنۈشىدە قوللىنىلغان جىددىي تەدبىرلەر چوقۇم قاراتمىلىقى بولغان، مۇۋاپىق، ئېنىق ۋە ۋاقىتلىق بولۇشى كېرەك، ھەمدە سودا توسۇقى پەيدا قىلمايدىغان ياكى دۇنيانىڭ ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلمايدىغان بولۇشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بولۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ