مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىگە يۆتكەلدى

2020.04.07 17:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون 6-ئاپرېل كەچتە كېسىلى ئېغىرلاشقانلىقتىن، ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىگە كىرىپ داۋالاندى. ئەنگلىيە باش ۋەزىر مەھكىمىسى باياناتچىسىنىڭ دېيىشىچە، ھازىر ئۇنىڭ ئاڭ سېزىمى ياخشى بولۇپ، ئۇنى ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىگە يۆتكەش پەقەتلا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىر ئىكەن.

  باياناتچىنىڭ ئېيتىشىچە، جونسون ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىگە يۆتكىلىشتىن بۇرۇن، ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى رابنى ئۆزىگە ۋاكالىتەن ئالاقىدار ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

  راب شۇ كۈنى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن ھەرىكەت قوللىنىپ، ئومۇمىي خەلق داۋالاش سىستېمىسىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبىدىن چەت ئەلدە قاپسىلىپ قالغان تېخىمۇ كۆپ ئەنگلىيە پۇقرالىرىنى ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئەنگلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى 6-ئاپرېل ئېلان قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى جەمئىي 51 مىڭ 608 نەپەرگە يېتىپ، ئالدىنقى كۈندىكىگە سېلىشتۇرغاندا 3802 ئادەم كۆپەيگەن، ئۆلگەن بىمار سانى 5373 كە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ