مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بېلگىيە پادىشاھى فىلىپ بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.04.03 17:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2- مارت بېلگىيە پادىشاھى فىلىپ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يەر شارىدا يامراپ كەتتى، ياۋروپا ۋە بېلگىيە كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن بېلگىيە ئوردا جەمەتى، ھۆكۈمىتى ۋە بېلگىيە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن ۋە ئۇلارنى قەتئىي قوللايمەن. جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان شۇ مۇھىم مەزگىلدە، بېلگىيەدىكى ھەر ساھە ئوخشىمىغان شەكىللەر بىلەن جۇڭگودىن ھال سورىدى ۋە قوللىدى، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆز ئارا ياردەم بېرىشتەك چوڭقۇر دوستلۇقىنى نامايەن قىلدى. جۇڭگو بېلگىيەنىڭ جىددىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، بېلگىيەنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى قىس بولۇشتەك نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىشنى خالايدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى پايدىلىق تەجرىبىلەردىن بېلگىيە تەرەپ بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشۇپ، ۋاكسىنا ۋە دورا تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. بېلگىيە ئوردا جەمەتى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بېلگىيە خەلقى يۇقۇمنى چوقۇم يېڭەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بېلگىيەنىڭ بېلگىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى، بولۇپمۇ بېلگىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىنى ھەمدە ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ۋىرۇسنىڭ دۆلەت چېگرىسى بولمايدۇ، ھەمدە ئىرق ئايرىمايدۇ، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس، خەلقئارا جەمئىيەت پەقەت بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرگەندىلا، ئاندىن بۇ جەڭدە غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىدۇ. يېقىندا ئېچىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە يىغىنىدا، مەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، داۋالاش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئالدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە ئۆستۈرۈپ، سۈپەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى چىڭىتىپ، پۈتكۈل يەر شارىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشىنى ئىمكانقەدەر كۆپ بولغان ماددىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ