مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2021-يىلىغا كېچىكتۈرۈلدى

يەنىلا «توكيو 2020-يىللىق» دەپ ئاتىلىدۇ

2020.03.25 17:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 24-مارت كەچتە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن توكيو ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 2021-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

  24-مارت، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخ بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو تېلېفون يىغىنى ئاچتى، ئىككى تەرەپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، تەنھەرىكەتچىلەر، بارلىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقۇچىلار، ھەتتا خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2020-يىلىدىن كېيىن، ئەمما 2021- يىلى يازدىن كېيىن قالماي ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  ئىككى تەرەپ ئورتاق مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە پۈتۈن يەر شارى يۇقۇمنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان پەيتتە، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈمىد ماياكى بولۇپ، قاراڭغۇ تونېلدا تۇرۇۋاتقان پۈتۈن دۇنياغا تونېل ئاخىرلىشىشنىڭ تاڭ نۇرىنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك. شۇڭا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى داۋاملىق ياپونىيەدە قالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، توكيو 2020-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ نامىمۇ داۋاملىق ساقلاپ قېلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ