مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى ترامپقا قارىتىلغان ئەيىبلەش ماددىلىرىنى ئىنكار قىلدى

2020.02.07 16:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭتۇڭ ترامپنى ئەيىبلەش دېلوسىنى قاراپ چىقىشقا مەسئۇل ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى 5-فېۋرال بېلەت تاشلاپ، ترامپقا قارىتىلغان ئىككى تۈرلۈك ئەيىبلەش ماددىسىنى رەت قىلدى، ترامپنىڭ جىنايىتى دەلىللەنمىگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى 52 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، 48 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن زۇڭتۇڭ ترامپ خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلاندى، دەپ ئەيىبلىگەن ئەيىبلەش ماددىلىرىنى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دەپ بېكىتتى، 53 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، 47 ئاۋازنىڭ قوللىشى نەتىجىسىدە، ترامپ پارلامېنتقا توسقۇنلۇق قىلدى، دېگەن ئەيىبلەش ماددىلىرى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دەپ بېكىتتى. ئىككى تۈرلۈك بېلەت تاشلاش ئاساسەن پارتىيە-گۇرۇھلار بويىچە ئايرىلدى. ترامپنىڭ جىنايىتى بېكىتىلمىگەن بولۇپ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلمايدۇ، ئەيىبلىنىش دېلوسى شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ