خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆزبېكىستان جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقى 18-چېسلا خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە قۇرۇلۇۋاتقان بىر مېترو لىنىيەسى قۇرۇلۇشى مەيدانىدا شۇ كۈنى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نۆۋەتتە تۆت ئادەم قازا قىلدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا شۇ جايدا ئۇدا يامغۇر ياغقان، گۈمۈرۈلۈش شۇ يەر ۋاقتى 18-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 لاردا يۈز بەرگەن. شۇ جاي ۋاقتى سائەت 21 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، ۋەقەدە تۆت ئادەم قازا قىلغان.
نۆۋەتتە، ئالاقىدار قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئىشلەنمەكتە ئىكەن.
ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيوف ئالاقىدار تارماقلارغا مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش ھەمدە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ياردەم بېرىش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەن.
تاشكەنتتىكى تۇنجى مېترو لىنىيەسى 1977-يىلى 11-ئايدا ئېچىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ شەھەردە جەمئىي ئۈچ مېترو لىنىيەسى بار، ئۇزۇنلۇقى 36.2 كىلومېتىر كېلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ