مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2018- ۋە 2019- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى !

2019.10.11 15:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 10- ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، شىۋېتسىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دائىمىي كاتىپى ماتس مالم (Mats Malm) نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، 2018- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى پولشالىق يازغۇچى ئولگا توكارچۇك (Olga Tokarczuk)قا، ھەمدە 2019- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئاۋسترىيىلىك يازغۇچى پېتېر خاندىك (Peter Handke) كە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئولگا توكارچۇكقا بۇ مۇكاپاتنى بېرىشتە، ئۇنىڭغا بېغىشلانغان سۆز مۇنداق: ئۇنىڭ بايان توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرى قامۇس كەبى قىزغىنلىق بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇ خىل تەسەۋۋۇر چېگرا ھالقىغان بىر خىل تۇرمۇش ئۇسلۇبىغا سىمۋول قىلىنغان.

  پېتېر خاندىككە بۇ مۇكاپاتنى بېرىشتە، ئۇنىڭغا بېغىشلانغان سۆز مۇنداق: ئۇ زات تىلشۇناسلىق ئىقتىدارىغا ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە ئەسەرلەردىن پايدىلىنىپ، ئىنسانلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنىڭ دائىرىسى ۋە ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە ئىزدەنگەن.

  بۇ يىلقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش ئىشىنى ھەرگىزمۇ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ دائىمىي كاتىپى سۈپىتىدىكى بىرلا كىشى ئۈستىگە ئالماستىن، بەلكى باھالاش كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئاندېس ئولسون ۋە سابىق رەئىسى پېل ۋېستبېگ قاتارلىق بەش نەپەر باھالىغۇچىمۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا ئىشتىراك قىلدى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاندېس ئولسون مۇخبىرغا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇردى ھەمدە كومىتېتنىڭ خىزمەتلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاشتا 1901- يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش مەيدانغا كەلدى، يەنى نامزاتلارنى ئالدىن سايلاشقا مەسئۇل بولىدىغان باھالاش كومىتېتىگە سىرتتىن يەنە بەش نەپەر مۇتەخەسسىس قوشۇلدى. ئۇلار باھالاش جەريانىدا پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى ۋە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ