ھىندىستان زۇڭتۇڭى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ھىندىستان زۇڭتۇڭى كوۋىند 8-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇنداق دېدى : ھىندىستان جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.كېلەر يىلى ھىندىستان بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئىككى تەرەپنىڭ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.كوۋىند جۇڭگونىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى سۈن ۋېيدۇڭ تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقىلارنى بىلدۈردى.ئۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.ئۇ مۇنداق دېدى : بۇلتۇر ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋۇخەندە بىرەسمىي ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.كېلەر يىلى ھىندىستان بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئىككى تەرەپ بىر قاتار تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ