مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنىڭ يىلتىز تارتىشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر

2019.08.16 16:22 مەنبە: خەلق تورى

  ئىككىلىك كودنى سكاننېرلاپ، «جۇڭگونىڭ بىر مىنۇتى (شىنجاڭ قىسمى)»نى كۆرۈڭ

  70 يىل جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭى قاقاسلىقتىن ئاۋاتلىققا، نامراتلىقتىن بېيىشقا، بېكىنمە ھالەتتىن ئېچىۋېتىشكە، قالاقلىقتىن ئىلگىرىلەشكە يۈزلەندى.

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا باھار دولقۇنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ئىچىدە، يول بويى زەپەر مارشى ياڭرىدى. 70 يىل جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭى قاقاسلىقتىن ئاۋاتلىققا، نامراتلىقتىن بېيىشقا، بېكىنمە ھالەتتىن ئېچىۋېتىشكە، قالاقلىقتىن ئىلگىرىلەشكە يۈزلەندى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېت يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى. بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇمىيەت جەھەتتىن كۆزىتىپ، پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى بېكىتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا باھار دولقۇنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  بىز دىققەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايمىز. مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن-ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان قاتتىق ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن تۇتۇش، تېز تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن قورالى، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى، قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغداپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىمىز. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇدا 32 ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى كۆرۈلمىدى، جىنايى ئىشلار دېلوسى، ئامانلىق دېلوسى، بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش دېلوسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋەقەسى زور دەرىجىدە ئازايدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

  بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرىمىز. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي روھىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىلىق خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنى مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرىمىز. 2018-يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.1 ئاشتى؛ كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 150 مىليون ئادەم (قېتىم)غا يەتتى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 529 مىليارد 137 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئاشتى؛ كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 75 مىليون 890 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46 ئاشتى.

  بىز خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرىمىز ۋە ياخشىلايمىز. ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئىشلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى يولغا قويۇلۇپ، 2018-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن 475 مىڭ 800 ئادەم (قېتىم) ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچىدىن 2 مىليون 805 مىڭ ئادەم (قېتىم) يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى نەتىجىلىرى مۇستەھكەملىنىپ، قوش تىل مائارىپى سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، كەسپىي مائارىپ زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلۇپ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇغۇچىلارنى كەسپ-تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشتە تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق قۇرۇلۇشى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى؛ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ھەر مىللەت ئامما بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتى قويۇقلاشتى.

  بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي تەۋرەنمەي غەلىبە قىلىمىز، تولۇق غەلىبە قىلمىساق جەڭنى توختاتمايمىز. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»نى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تاكتىكىسىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز (يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى يۆلەش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى يۆلەش، يەرلەرنى ئېنىقلاپ قايتا تەقسىم قىلىش ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى يۆلەش، چېگرا قوغدىغۇچىلارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى يۆلەش، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى يۆلەش، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى يۆلەش، ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي كاپالەت تەدبىرى ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى كاپالەتلەندۈرۈش)؛ «ئۈچنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش» (مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇش)نى ئىلگىرى سۈرۈپ ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلماي، ئۆلچەمنى ئۆستۈرمەي، نەپسىنى چوڭ قىلماي، ھەم ساختا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرماي، ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەي، تەسىرىگە دەخلى يەتكۈزمەي، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشقا ھەم ئالدىراقسانلىق قىلماي، ھەم قەستەن كەينىگە سۆرىمەي تاماملايمىز. بىر قولدا ئېشىپ قالغان نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقىنى ئازايتىش، يەنە بىر قولدا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىنى مۇستەھكەملەش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي تۈردە ئامما ئېتىراپ قىلىدىغان، ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىمىز. 2018-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە 537 مىڭ ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 513 نامرات كەنت نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %11.57 تىن % 6.51 كە چۈشتى.

  بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرىمىز. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىدا «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى تونۇش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكچىلىك قىلىمىز. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1 مىليون 120 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى-خىزمەتچى 1 مىليون 690 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ، ھەر مىللەت ئامما ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە خىزمەت، ئۆگىنىش جەريانىدا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىدى ۋە راۋاجلاندۇردى.

  (تولۇق تېكىستىنى مەنبەنى بېسىپ كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ