مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 12- نۆۋەتلىك جۇڭگو − شەرقىي شىمالىي ئاسىيا كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2019.08.26 16:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  12- نۆۋەتلىك جۇڭگو − شەرقىي شىمالىي ئاسىيا كۆرگەزمىسى 8- ئاينىڭ 23- كۈنى جىلىننىڭ چاڭچۇندە ئېچىلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كۆرگەزمىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شەرقىي شىمالىي ئاسىيا پۈتۈن يەر شارى تەرەققىياتىدا ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە رايونلارنىڭ بىرى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش رايون ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشكە ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا سىجىل يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ پايدىلىق شارائىتى ئۈزلۈكسىز توپلانماقتا. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە «ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ گۈزەل يېڭى كەلگۈسىنى يارىتىش»نى باش تېما قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ رايوننىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان بىردەك ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈردى. ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، ئاپپاراتلار ۋە كارخانا ۋەكىللىرىنىڭ بۇ سۇپىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، نەتىجىلەرنى كېڭەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ يېڭى گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ