ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك

2019.08.26 16:39 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شى جىنپىڭ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم بازىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

  ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك

  8- ئاينىڭ 22- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم بازىسىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ گەنسۇدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭلىق ۋەزىپىسىدىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە تۇەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ باش ئوفىتسېرلىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لەنجوۋ، 8- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى شۈەنلياڭ، جاڭ يۈچىڭ) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 8- ئاينىڭ 22- كۈنى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم بازىسىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋر پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

  8- ئايدىكى گەنسۇ زېمىنىنىڭ ئاسمىنى كۆك، ھاۋاسى ساپ بولۇپ، ھەممە يەر ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لار ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم بازىسىغا كەلدى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ گەنسۇدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭلىق ۋەزىپىسىدىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە تۇەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ باش ئوفىتسېرلىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى، كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش مەركىزىدە، كوماندىر - جەڭچىلەر جىددىي، تەرتىپلىك خىزمەت قىلىۋاتاتتى. شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، نۆۋەتچىلىك ئورنىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئالاقىدار تونۇشتۇرۇشلارنى ئاڭلىدى، ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىكى ۋە مەشىق ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  شى جىنپىڭ سىن ئارقىلىق بازىدىكى ئالاقىدار قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى. مەلۇم رادار پونكىتى دېڭىز يۈزىدىن 3600 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىككە جايلاشقان بولۇپ، يىل بويى ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. شى جىنپىڭ كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇلارنى ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىسلىتىنى ساقلاپ، قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان ساپانى تاۋلاپ، سادىقلىق بىلەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. مەلۇم تىرانسپورت قۇتقۇزۇش تۇەنى ئۇرۇش تەييارلىقى مەشىقىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ئۇدا 30 نەچچە يىل ئايروپىلاندا ئۇرۇق چېچىپ ئورمان بىنا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلارنىڭ خەلق ئارمىيەسىنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق ياردەم بېرىپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان بۇرچ - ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇندىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ بازىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش دەل ۋاقتىدا بولدى، ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىرادىسى، مەقسىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، خىلمۇخىل شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى يېڭىش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە زىچ يېقىنلىشىپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي، ئەمەلىي ھەل قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ پۇختا تەييارلىق قىلىپ، دائىم تەييار تۇرۇپ بوشاشماي، بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ئاتلىنالايدىغان، غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەمەلىي جەڭ ئەمەلىي مەشىقىدە، بىرلەشمە جەڭ بىرلەشمە مەشىقىدە چىڭ تۇرۇپ، قارشىلىشىشچانلىققا، قاراتمىلىققا، ماسلىشىشچانلىققا ئىگە مەشىقنى كۈچەيتىپ، مەشىق سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۇرۇش ئارقىلىق قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، مەشىق ئارقىلىق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇرۇش قىلىش كۈچى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش كۈچى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، دائىملىق ئىدىيەۋى خىزمەت ۋە دائىملىق باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قىسىمنىڭ يۈكسەك مەركەزلەشكەن بىرلىكىگە ۋە پاك، مۇستەھكەملىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، قىسىمنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەسكەرلەرنى چىن ھېسسىيات بىلەن يېتەكلەپ، ئەسكەرلەرنى مېھىر - مۇھەببەت بىلەن يېتەكلەپ، قىسىمنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. خىزمەتنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى ئاساسىي قاتلامغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىكلەر تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.

  شۈ چىلياڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ