مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8-يىغىنى ئېچىلدى

ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى

2019.08.27 16:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8-يىغىنى 26-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا «خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش» چۆرىدىلىپ كېڭىشىلدى، ھاكىمىيەت ئىشلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم دوكلات بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مائارىپ خىزمىتىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىلمىي مائارىپ ئىدىيەسى تۇرغۇزۇلۇپ، ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلدى. مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، مائارىپ خىراجىتى سېلىنمىسى ئاشۇرۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى. مائارىپتىكى كەمتۈكلىكلەر كۈچەپ تولۇقلىنىپ، يەسلىي مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، «يېزا - كەنتلەر ئاجىز، شەھەر-بازارلار قىستاڭچىلىق» مەسىلىسى تۈگىتىلدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى، مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتى ۋە ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ھەم دەرسلىك ئىسلاھاتى، پۇقراۋى مائارىپ تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى كۈچەيتىلىپ، كەسپىي مائارىپ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، مائارىپتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ياخشى قىلىنىپ، مائارىپنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلدى.

  خەلق رازى بولغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش ئۈچۈن، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، ياخشى مۇھىت يارىتىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ