لى كېچياڭ ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.08.28 16:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 27-چېسلا چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا، جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى ئەلىپوف بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللىدى، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ مىرزىيويېف بىلەن كۆپ قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈردى. جۇڭگو جۇڭگو-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۆزبېكىستان بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا، رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، مەزكۇر رايوننىڭ ئۇزاققىچە تىنچ، مۇقىم ۋە گۈللىنىشىگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ئىقتىسادىنىڭ بىر- بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ئەمەلىي ھەمكارلىق ئىستىقبالى پارلاق. جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئۆزبېكىستاننىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئۆزئارا باغلىنىش ۋە راۋانلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ سودا كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىشنى، جۇڭگونىڭ بازار ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆزبېكىستان ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى، ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بازار قائىدىسى ۋە سودا پىرىنسىپى بويىچە ئۆزبېكىستانغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى قوللايدۇ، ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ ياخشى سودا مۇھىتى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىز ئۆزبېكىستان بىلەن مەدەنىيەت، ساياھەت، ئالىي مەكتەپ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاشنى خالايمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ