خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر كۆرگەزمىسى 26- چېسلا چۇڭچىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىسلاھاتى جۇش ئۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە دۇنيانى ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرگە زور ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، رەقەملىك كەسىپلەشتۈرۈش ۋە كەسىپ رەقەملەشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ئەقلىي ئىقتىدارلىق دەۋر بەرپا قىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ