مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادىنىڭ جايلىشىشىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ ئاساسىي ئىقتىدارى ۋە كەسىپ زەنجىرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

2019.08.27 16:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 26-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادىنىڭ جايلىشىشىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسى، كەسىپ ئاساسىي ئىقتىدارى ۋە كەسىپ زەنجىرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلارنىڭ شارائىتىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئىش تەقسىماتى، ئەلالاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا مېڭىپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بوشلۇقنى تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ ئاساسىي دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، شاڭخەي شەھىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادىنىڭ جايلىشىشىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ كەسىپ ئاساسىي ئىقتىدارى ۋە كەسىپ زەنجىرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ رايونلار تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ بوشلۇق قۇرۇلمىسىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، مەركىزىي شەھەر ۋە شەھەرلەر توپى تەرەققىيات ئامىللىرىنىڭ ئاساسلىق بوشلۇق شەكلىگە ئايلانماقتا. يېڭى ۋەزىيەتتە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئوبيېكتىپ ئىقتىسادىي قانۇنىيەت بويىچە رايون سىياسىتى سىستېمىسىنى تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جايلارنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك ئامىللارنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، مەركىزىي شەھەر ۋە شەھەرلەر توپى قاتارلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈستۈنلۈكى بار رايونلارنىڭ ئىقتىساد ۋە نوپۇسنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، باشقا رايونلارنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى، چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات داۋامىدا تەڭپۇڭلۇق يارىتىش كېرەك.

  (تولۇق تېكىستىنى مەنبەنى بېسىپ كۆرۈڭ)

  مەنبە: خەلق تورى
  
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ