شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى

2019.08.29 14:14 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28- چېسلا خەلق سارىيىدا ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى ئەلىپوف بىلەن كۆرۈشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭ ئەلىپوفتىن زۇڭتۇڭ مىرزىيويېۋغا سەمىمىي سالىمىنى يوللىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى، دوستلۇق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش روھىغا باشتىن-ئاخىر ئەمەل قىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر بولۇش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسىگە باشتىن-ئاخىر ئەمەل قىلىشتا. جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، مەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن. بۇ قېتىم سىزنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 5- قېتىملىق يىغىنىنى ئېچىشقا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلىپ پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىمىزدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى توغرا ئىزدا داۋاملىشىدىغانلا بولسا، ئىككى تەرەپ بېكىتكەن تۈرلۈك ھەمكارلىق نىشانىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان يۇقىرى سۈپەتتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان تاشيول ۋە تۆمۈريولدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، يۇقىرى ۋە يېڭى تېخنىكا، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىنى يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو ئۆزبېكىستاندىن ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، ئۆزبېكىستاننىڭ ئاساسلىق مېھمان دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتلەرگە بىرلىكتە زەربە بېرىپ، رايون بىخەتەرلىكى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.



  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ