مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىلىرىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلىرى تاپشۇرغان دۆلەت خەتلىرىنى قوبۇل قىلدى

2019.08.29 14:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28- چېسلا چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 10 دۆلەتنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىلىرىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلىرى تاپشۇرغان دۆلەت خەتلىرىنى قوبۇل قىلدى.

  8- ئاينىڭ ئاخىرى بېيجىڭدە كۈزنىڭ ھاۋاسى ساپ بولىدۇ. خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسى سىرتىدا، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، كانايچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش سىگنالىنى ياڭراتتى. جۇڭگودىكى ئەلچىخانىلارغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلەر ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كېلىپ، قىزىل پايانداز بويلاپ بېيجىڭ زالىغا كىرىپ، شى جىنپىڭغا ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت خەتلىرىنى تەرتىپ بويىچە تاپشۇرۇشتى. شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەمدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. جۇڭگودىكى ئەلچىخانىلارغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن بۇ 10 نەپەر باش ئەلچى شۇلاردىن ئىبارەت: مالىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى داكو، لېسوتونىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سېتنانى، پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خاسمى، قاتارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دۇشمى، ئاۋسترالىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گېرانخەن، زىمبابۋېنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېدودو، ئېستونىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋېنكاڭدې، مالايسىيانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سېلۋان، مالدىۋېنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئازما، گۋىنىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دۇر.

  شى جىنپىڭ ھەرقايسى دۆلەت ئەلچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ۋەزىپە ئۆتىشىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەرقايسى دۆلەت ئەلچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئەلچىلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ