مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2019.08.29 16:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ يەنە بىر تۈركۈم سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش قارار قىلىندى؛ تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە تەنتەربىيە ئىستېمالىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، تور مائارىپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، تېخىمۇ كۆپ مەمۇرىي بايلىقنى ئىشتىن بۇرۇن تەستىقلاشتىن ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىش «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ، نۆۋەتتە بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىرىنچى، قانۇن، بەلگىلىمە بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆزى تەستىقلىغان ياكى يولغا قويۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرىغا قارىتا ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى كېرەك. تەستىقلاش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان لېكىن يەنىلا ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ئىشلارغا مەسئۇل تارماقلار مەسئۇل بولۇشى كېرەك. يېمەكلىك، دورا، ئالاھىدە ئۈسكۈنە قاتارلىق ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋە ئاممىنىڭ ھاياتىي، ساغلاملىقىغا چېتىلىدىغان نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، قاراڭغۇ رايون بولۇشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. ئىككىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇلازىمەت جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، ساھەگە ئايرىپ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن، ئاددىي، ئاسان بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قائىدىسى ۋە ئۆلچىمى تۈزۈپ، چېگراسى ئېنىق بولمىغان، ئىجرا قىلىش ئېلاستىكلىقى چوڭ بولغانلىرىنى تازىلاش كېرەك. ئۈچىنچى، ئاشكارا، ئېنىق بولۇش ئارقىلىق ئادىل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشتا پۈتۈن مۇساپىدە ئىز قالدۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئاساسى، نەتىجىسىنى پىرىنسىپ بويىچە جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش كېرەك. تۆتىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. كارخانىلارغا چېتىشلىق مەمۇرىي تەكشۈرۈشتە پىرىنسىپ بويىچە «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. تارماق، رايون ھالقىغان بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىشنى يولغا قويۇش كېرەك. يېڭى گۈللەنگەن كەسىپلەرنى كەڭ قورساقلىق، ئېھتىياتچانلىق بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش» ۋە ئىناۋەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. بىرلەشمە جازالاش، ئۆمۈرلۈك چەكلەش قاتارلىق جازالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك.

  بازارنىڭ ئىجازەت بوسۇغىنى تۆۋەنلىتىپ، «گۇۋاھنامىنى ئازايتىش» ئارقىلىق «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش»، كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، يىغىندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى زور دەرىجىدە كېمەيتىش ئاساسىدا، ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېل، ئاپتوموبىل تورمۇز سۇيۇقلۇقى قاتارلىق 13 خىل مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىخەتەرلىككە، ساغلاملىققا، مۇھىت ئاسراشقا چېتىلىدىغانلىرىنى مەجبۇرىي مەھسۇلات ئىسپاتى بېرىشنى باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىپ، ئىسپات بېرىش ھەققىنى مالىيەنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى قارار قىلىندى. يىغىندا گۇۋاھنامىنى قىسقارتىپ مەسئۇلىيەتنى قىسقارتماسلىق، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەردىن ئۆلچەم ئارقىلىق يېتەكلەش، كارخانا مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىدىغان باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ