مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رەئىس شى جىنپىڭ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم بازىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ پۈتۈن ئارمىيەدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2019.08.27 16:26 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  رەئىس شى جىنپىڭ8-ئاينىڭ 22-كۈنى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم بازىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز.

  رەئىس شى جىنپىڭ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم بازىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل بولغان پەيتتە، «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش دەل ۋاقتىدا بولدى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى زور. بۇ بىر نەچچە كۈندە، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ پاراشۇتچى مەلۇم لۈيىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر غەربىي شىمالدىكى مەلۇم ئېگىزلىككە بېرىپ مانېۋىر ئۆتكۈزدى. لۈي سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما يۈفۇ مۇنداق دېدى : قىسىم شاڭگەنلىڭ قەھرىمانلار بايرىقىنى مەڭگۈ ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى قىسىمنىڭ قىزىل بايلىق مەنبەسىدىن ئۈزلۈكسىز مەنىۋى كۈچكە ئىگە قىلىپ، ئاساسىي تېما تەربىيە پائالىيىتىنىڭ مەشىق جەريانىغا كىرىشى، ئۆز خىزمەت ئورنىغا كېڭىيىشى، مۇھىم ۋەزىپىلەرگە سىڭىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىسىمنىڭ ھەربىي مەشىق قىلىش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش قىزغىنلىقىنى داۋاملىق ئۇرغۇتىمىز.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى مانېۋىرنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە كۈچلۈك مەشىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى. قۇرۇقلۇق ئارمىيە 80-جىتۈەنجۈنىنىڭ مەلۇم لۈيىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر پات ئارىدا بىر مەيدان قىزىل، كۆك رەڭلىك قارشىلىشىش مانېۋىرىدا تۇنجى قېتىم كۆك ئارمىيەنىڭ رولىنى ئالىدۇ. لۈينىڭ سىياسىي يېتەكچىسى لى دۇڭيۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى : رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بويىچە، قارشىلىشىشچانلىقى، قاراتمىلىقى، ماسلىشىشچانلىقى بولغان مەشىقنى كۈچەيتىپ، ھەر بىر يولنى ياخشى ساقلاش، ھەر بىر قىيىن مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ ياخشى «بىلەي تېشى» بولىمىز.

  رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاساسىي قاتلامغا قارىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتتىق سىناقلارغا ئومۇمىيۈزلۈك بەرداشلىق بېرىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسى مەلۇم قىسمى پارتكومى ئاساسىي قاتلامنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلدى. شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسى مەلۇم قىسمىدىكى پونكىت باشلىقى شاڭ جياۋيۆ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە تەلىپى بويىچە، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ داۋالىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئۇلارنى پۈتۈن زېھنى بىلەن ۋەتەننىڭ شىمالىي چېگرىسىدا يىلتىز تارتىپ، ھەربىي مەشىققە ئاتلىنىپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ