جۇڭگو ۋەكىلى: جۇڭگو بىر بەلباغ بىر يول رامكىسى ئاستىدا ئىراقنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ
جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋۇ خەيتاۋ 8-ئاينىڭ 28 - كۈنى مۇنداق دېدى : جۇڭگو « بىر بەلباغ، بىر يول » رامكىسى ئاستىدا، ئىراقنىڭ ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلىرىنى قايتا قۇرۇشقا پائال قاتنىشىدۇ ھەمدە ئىراقنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ.ۋۇ خەيتاۋ شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىراق مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئاشكارا يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو ئىراقنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىشكە پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىراققا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن خىزمەتلەرنى داۋاملىق پائال قانات يايدۇرۇشنى قوللايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ