خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ئۆلكە باشلىقى ئىشخانىسى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكەن بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە قانۇنسىز كۆچمەنلەردىن 16 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىندى، بۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋەتىنىگە قايتۇرۇۋېتىلىدۇ. باياناتتا 16 مىڭدىن ئارتۇق قانۇنسىز كۆچمەننىڭ كېلىش مەنبەسى تىلغا ئېلىنمىدى. لېكىن بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سۆيلۈ مۇنداق دېدى: تۈركىيە ئافغانىستان، پاكىستان ۋە ئافرىقا ھەم ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر مۇساپىرلىرىنىڭ پاناھلىنىشتىكى ئەڭ مۇھىم نىشانى بولۇپ قالدى. تۈركىيە 2017-يىلى ۋە 2018-يىلى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا 175 مىڭ ۋە 268 مىڭ قانۇنسىز كۆچمەننى قولغا ئالغان ئىدى، بۇ يىل 300 مىڭدىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئىستانبۇل ئۆلكە باشلىقى ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر ئايدا، تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئىستانبۇل شەھىرىدە ئىستانبۇلدا تىزىمغا ئالدۇرمىغان سۇرىيە كۆچمەنلىرىدىن تەخمىنەن 4500 كىشىنى قولغا ئالدى، بۇ سۇرىيەلىك مۇساپىرلار تۈركىيەنىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە تەسىس قىلىنغان ۋاقىتلىق مۇساپىرلار مەركىزىگە ئاپىرىلدى. كۆپ يىل داۋاملاشقان سۇرىيەنىڭ ئىچكى مالىمانچىلىقى زور تۈركۈمدىكى سۇرىيەلىكلەرنىڭ چەت ئەلگە قېچىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە 3 مىليون 600 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرنى يىغىۋالغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ