ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ۋەقە يۈز بەرگەندە تېررورلۇق ئۇچۇر تور بېكىتىنى تاقىۋېتىدۇ
ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى موررىسون 8-ئاينىڭ 25 -كۈنى مۇنداق دېدى : جىددىي ۋەقە يۈز بەرگەندە، ھۆكۈمىتىم تېررورلۇق ئۇچۇرلارنى تارقىتىدىغان تور بېكىتىنى تاقىۋېتىدۇ ھەمدە قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق سۇپىلارنى خەۋپسىزلىكنى كۈچەيتىشكە مەجبۇرلاپ، مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنى ئويلىشىدۇ. فىرانسىيەدە يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان موررىسون مۇنداق دېدى : ھۆكۈمەت ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېررورچىلارنىڭ تور سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشىنى تەرغىب قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىگە يول قويمايدۇ. خەۋەر قىلىنىشىچە: ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بىر رامكا تەسىس قىلىپ،مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇچۇرلارنى چىقىرىدىغان تور بېكەتلىرىنى توسىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاۋسترالىيە تور خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ھەر بىر دېلوغا ئاساسەن قايسى مەزمۇنلارنى چوقۇم تەكشۈرۈپ چەكلەش كېرەكلىكىنى بېكىتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ