مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 – يىغىنى بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزدى

2019.08.26 16:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26 – ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 – يىغىنى 8 – ئاينىڭ 25 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى قاراپ چىقتى ۋە مەخسۇس تېمىدا سۈرۈشتۈردى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ قاراپ چىقىش ۋە سۈرۈشتۈرۈشكە قاتناشتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى ۋاڭ چېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ۋاڭ جىننەن، يۈەن سى، چېڭ لىفېڭ، دوۋ شۇخۇا، لو باۋمىڭ، ۋاڭ يى قاتارلىق ئالتە ئەزا، فاڭ مىن، جاڭ يۈجېن، چېن رۈيئەي قاتارلىق ئۈچ ۋەكىل سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، سانائەت قۇرۇلمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ مەنبەدىن بۇلغىنىشنى ئازايتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېزا پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، كېمە – پاراخوتلارنىڭ بۇلغىما چىقىرىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، سۇ ئېكولوگىيە تولۇقلىما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بۇلغىنىشنى تىزگىنلەشتىكى ئىلغار، مۇۋاپىق كېلىدىغان تېخنىكىلارنى كېڭەيتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، دەريا باشلىقىنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پاسكىنا سۇنى يىغىۋېلىش تۇرۇبىسى تورى قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، بۇلغىما چىقىرىشقا ئىجازەت بېرىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۈرۈشتۈردى.

  دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى قاتارلىق گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۈرۈشتۈرۈشكە جاۋاب بەردى.

  لى جەنشۇ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە بۇلغىمىنى تىزگىنلەش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇن قورالى، قانۇن ئىدارە قىلىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ سۇ بۇلغىنىشىنى بىر تەرەپ قىلىش، سۇ مۇھىتىنى قوغداش كېرەك. 2017 – يىلى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى ئەمەلىي تەجرىبە، خىزمەت قانۇنىيىتىنى خۇلاسىلەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك بولۇپ، ھەر بىر ماددا ئىنتايىن قاراتمىلىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە. بۇ قانۇننى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشتا قانۇن بەلگىلىمىسىگە چىڭ باغلاپ سېلىشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قانۇننى قاتتىق يۈرگۈزۈپ، باھالاش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈن، پۈتۈن ۋادا بويىچە ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، قانۇن چەكلەش بۇيرۇقىنى تەگكىلى بولمايدىغان «يۇقىرى بېسىملىق سىزىق»قا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ