مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ گەنسۇدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، خەلقنى بېيىتىپ روناق تاپقۇزۇش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

2019.08.23 16:28 مەنبە: خەلق تورى

  ■ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رېتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، تىرىشىپ بەختلىك، گۈزەل يېڭى گەنسۇ قۇرۇشنى تېزلىتىش، خەلقنى بېيىتىپ روناق تاپقۇزۇش يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشتەك دەۋر سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك.

  ■بىز جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى يارىتىشتا، تېخىمۇ كەڭ قورساق ھالدا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇپ، دۇنيادىكى بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت نەتىجىسىنى تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن پائال ئۆگىنىشىمىز كېرەك. دۇنخۇاڭ مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنخۇاڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىختىن ساقلىنىپ قالغان پەلسەپە ئىدىيەسى، ئادىمىيەت روھى، قىممەت ئىدىيەسى، ئەخلاق ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر قېزىش، شۇنداقلا بۇنىڭ ئىچىدە ساقلانغان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت روھى، مەدەنىيەت كۆكسى – قارنىنى ئېچىپ بېرىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

  ■جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە كەلگەن. قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەك.

  ■ئېلىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ تىرەكلىك رولى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرغاندىلا، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى بايلىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

  ■پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتى ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەش ئۈچۈن، ئاممىنى بەختلىك قىلىش پارتىيەنىڭ ئىشى. نامرات يۇرتداشلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تۇنجى قەدەم، كېيىنكى قەدەمدە يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى ۋە نامراتلارنى يۆلەش قوشۇنىنى بىر مەزگىل ساقلاپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى زورايتىش قاتارلىق جەھەتلەردە چارە ئويلاپ، يول تېپىپ، باشقا جايغا كۆچۈرگەن ئاممىنى تۇرۇپ قالالايدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان، كىرىمى بار قىلىپ، تۇرمۇشىنى كۈنسېرى ياخشىلاش كېرەك.

  ■ھەرقانداق ئىش كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ئىلغار نەمۇنىلىك رولىدىن ئايرىلالمايدۇ. كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئالدى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېتىلىپ چىقىشقا جۈرئەت قىلسىلا، ئاممىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇجەسسەملەپ، تەشكىللەپ، بىر پارچە زېمىن ئېچىپ، بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ.

  ■«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەنىڭ تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش»تىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپنى توغرا ئىگىلەشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، ئۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىش، بىلگەن ھامان تۈزىتىش كېرەك.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23 – ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا گەنسۇ ئۆلكىسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رېتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، تىرىشىپ بەختلىك، گۈزەل يېڭى گەنسۇ قۇرۇشنى تېزلىتىش، خەلقنى بېيىتىپ روناق تاپقۇزۇش يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشتەك دەۋر سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ