شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 24 -كۈنى چۈشتىن كېيىن، ياڭراق پىدائىيلار ناخشىسىغا ئەگىشىپ،چوڭ كۆركەم بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق گيوتې مەيدانىنىڭ مەركىزىدە ئىچىلدى، گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەخمىنەن 300 چياۋمېن ۋە جۇڭگولۇق ئىسسىققا قارىماي ئۆزلۈكىدىن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستىغا يىغىلدى.
گېرمانىيەدە تۇرغىلى 50 نەچچە يىل بولغان چياۋمېن ۋۇ خەن نەق مەيداندا مۇنداق دېدى: گەرچە ياقا يۇرتتا بولساقمۇ، لېكىن چەت ئەلدىكى چياۋمېن قېرىنداشلار باشتىن-ئاخىر ۋەتەنگە رىشتە باغلاپ «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى »گە ۋە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ھەرىكىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قەتئىي يول قويمايدۇ. 1979-يىلى گېرمانىيەگە كەلگەن لى شياڭ يەرلىك شياڭگاڭلىق ئىدى.
ئۇ يېقىندا يۇرتىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن قاتتىق ئازابلاندى. لى شياڭ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى : شياڭگاڭدىكى ئادەتتىكى ئامما ئاق كۆڭۈل، جىنايەتچى قاچقۇنلارنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرۇش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان، ھەق - ناھەقنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتكەن كىشىلەرنىڭ يامان غەرىزى بار.
20 ياشلىق گېرمانىيەلىك ئالىيمەكتەپ ئوقۇغۇچىسى رېد مۇنداق دېدى : غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن ئىشلار توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرى مېنى قايىل قىلالمىدى، زوراۋانلىق ئارقىلىق قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشنى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.
گېرمانىيەلىك خاتلىب مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : نۇرغۇن گېرمانىيەلىك شياڭگاڭ ۋەقەسىنىڭ ئارقىسىدىكى « قارا قول » نىڭ ئەمەلىيەتتە غەرب ئەللىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ