مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مۇتەخەسسىس ئالىملار، جۇڭگو ئامېرىكا ئىقتىساد سودا سۈركىلىشى ۋەزىيىتىنى تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئىرادىسىنى ۋە ئىقتىدارىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قالدى دەپ ھېسابلىدى

2019.08.28 13:41 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگونىڭ 3-نۆۋەتلىك سودىغا قارشى تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىشىغا قارىتا، ئامېرىكا 8-ئاينىڭ 24 -كۈنى تەخمىنەن 550 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق جۇڭگو ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغان تاۋارلىرىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئالىدۇ.

  8-ئاينىڭ 25-كۈنى، سودا مىنىستىرلىقى خەلقئارا سودا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەتقىقات يۇرتى ئۆتكۈزگەن جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشقانلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىدىكى بەزى ئەربابلار جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىنىڭ دەرىجىسىنى كۆپ قېتىم ئۆستۈردى، ئۇنىڭ بىر تەرەپچىلىك، سودا قورۇقچىلىقى زومىگەرلىك قىلمىشى دۇنيا ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئاقىلانە بولمىغان ھەرىكىتى ئالدىدا، جۇڭگو تەرەپ قەتئىي قارشى تۇرۇش ئىرادىسىدىن قىلچە تەۋرەنمىدى، شۇنداقلا جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشى ئېلىپ كەلگەن خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچىسى، ئىرادىسى، ئىقتىدارى بار.

  جۇڭگو خەلقئارا سودا ئىلىمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جىن شۈ مۇنداق دېدى : ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قىلمىشى ئامېرىكىنى قايتا ئۇلۇغ قىلالمايدۇ، پەقەت بىر مەيدان « قاباھەتلىك چۈش » پەيدا قىلىدۇ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ تاموژنا بېجىنى خالىغانچە قوشۇپ ئېلىش قاتارلىق بىر قاتار خاتا تەدبىرلىرى ئامېرىكىنىڭ پاي بازىرىنى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەتتى، شۇنداقلا ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىمۇ ئەندىشىگە سالدى.

  مۇھاكىمە يىغىنىدا، مۇتەخەسسىس ئالىملار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگونىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرى مەھسۇلاتلىرى، ئوتتۇرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك تاۋارلىرىدىن پەرقلەندۈرمەي تاموژنا بېجى ئالدى، نۇرغۇن تاۋارلارنىڭ ئورنىنى ئېلىشچانلىقى تۆۋەن، بۇ «ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ».

  سودا مىنىستىرلىقى تەتقىقات يۇرتى زامانىۋى تەمىنلەش زەنجىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لىن مېڭ مۇنداق دېدى : ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۆز بېشىمچىلىق قىلغانلىقتىن، پۈتۈن يەر شارى ئۇلار ئۈچۈن چىقىم قىلماقتا. ئامېرىكا تەرەپنىڭ بىر تەرەپچىلىك، زومىگەرلىك قىلىش ئۇسۇلى يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، يەر شارى دائىرىسىدىكى بايلىق تەقسىملەشكە زەربە بېرىپ، كەڭ كۆلەمدە ئېشىپ كېتىش ئېففېكتى پەيدا قىلىپ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

  جىن شۈنىڭنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بېسىم ئىشلىتىش ئۇسۇلى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان، ئۆزىمۇ پايدا ئالالمايدىغان ئىش بولۇپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئارگېنتىنا ئۇچرىشىشىنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ئوساكا ئۇچرىشىشىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىناۋىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى.

  يىغىنغا قاتناشقانلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ بېسىم ئىشلىتىشى ۋە زومىگەرلىكى ئالدىدا، جۇڭگو قارشى تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇر بولدى. جۇڭگونىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك قارشى تۇرۇش تەدبىرى قەتئىي.

  تاشقى ئىقتىساد-سودا داشۆسى خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ساڭ بەيچۈەن مۇنداق دېدى : ھەمكارلىق جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا ئىختىلاپىنى ھەل قىلىشتىكى بىردىنبىر توغرا تاللاش، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر كۆپ تەرەپچىلىك ئىقتىساد-سودا قائىدىسىدىن ۋاز كېچىپ، بىر تەرەپچىلىك سودا سۈركىلىشىنى قوزغىدى ھەمدە دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. جۇڭگو دۆلەت ۋە خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ھوقۇقىنى قوغداش، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى قوغداش ئۈچۈن،قارشى تەدبىر قوللىنىپ، ئەخلاق-ھەققانىيەت تەرەپتە تۇردى.

  لىن مېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىر تەرەپتىن دادۇر، ئارپا، سۇلۇ، نېفىت، ئاپتوموبىل ۋە باشقا تاۋارلاردىن ئېلىنىدىغان باجنى كۆپەيتتى ياكى تاموژنا بېجىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، يەنە بىر تەرەپتىن، خەلق تۇرمۇشىغا بولغان ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ، نۇرغۇن داۋالاش مەھسۇلاتلىرى ۋە دورىلارنى جۇڭگو تەرەپنىڭ تاموژنا بېجى ئېلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزمىدى، بۇ باج قوشۇشنىڭ ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىق ئېھتىياجىغا ئېلىپ كېلىدىغان سەلبىي تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈندۇر.

  سودا مىنىستىرلىقى تەتقىقات يۇرتى ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ئوكيانىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لى ۋېي مۇنداق دېدى: «جۇڭگونىڭ قارشى تەدبىر قوللىنىشى ئاقىلانىلىك، تولۇق ئويلىنىشتىن ئۆتكەن. مەيلى دادۇر، نېفىت ياكى ئاپتوموبىل بولسۇن، باشقا دۆلەت ۋە رايونلاردىن سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئېھتىياجنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.

  مۇتەخەسسىس ئالىملار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكىنىڭ بىر قاتار خاتا قىلمىشلىرى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە خاتا ھۆكۈم قىلغانلىق، جۇڭگونىڭ ئىرادە، ئىقتىدارىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگەنلىك. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئىلاستىكلىقلىقى ۋە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى جۇڭگو تەرەپنىڭ ئەڭ زور ئىشەنچىسى، شۇنداقلا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا بولغان ئىشەنچىسى.

  سودا مىنىستىرلىقى تەتقىقات يۇرتى ئوبوروت ۋە ئىستېمال تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى دۇڭ چاۋ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز ئىقتىسادى تېز ئاشتى، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماكرو ئىگىلىك قۇرۇلمىسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئىستېمال، سېلىنما، ئېكسپورتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ماس تۈرتكە بولۇش ئەندىزىسى شەكىللەندى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئېلاستىكلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى.

  دۇڭ چاۋ مۇنداق دېدى : قۇدرەتلىك ئىچكى بازار جۇڭگونىڭ خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئاساسى. جۇڭگو ئىچكى ئېھتىياج ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش باسقۇچىغا كىردى، ئىستېمال بازىرىنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى زور، زاپاس كۈچى يېتەرلىك.

  سودا مىنىستىرلىقى خەلقئارا سودا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مېي شىنيۈ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش بوشلۇقى تېخىمۇ چوڭ، كەسىپ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى تېخىمۇ كۆپ، بۇ جۇڭگونىڭ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئېلاستىكلىقىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك، چىدامچانلىقىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. فۇشى رۇسسېل يېقىندا A پاي چېكىنى كىرگۈزۈش فاكتورىنى % 5 تىن % 15 كە ئۆستۈردى، يەنى جۇڭگو A پاي چېكى بازىرىغا « ئىشەنچ بېلىتى » تاشلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ