مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىر بەلۋاغ بىر يول خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققتىنى تارتتى، ئۇلارنىڭ ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشتى

2019.08.16 16:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  2013-يىلى بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو باشتىن ئاخىرى تەڭ مەسىلىھەتلىشىش، تەڭ قۇرۇش، تەڭ بەھرىلىنىشنى بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ پىرىنسىپى قىلىپ، تىنچلىق، ھەمكارلىق، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ ئۆرنەك ئېلىش، ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشتەك يېپەك يولى روھىنى يېتەكچە قىلىپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ۋە مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ھەمكارلىق نىشانى قىلىپ، يول بويىدىكى ئەللەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققتىنى تارتتى، ئۇلارنىڭ ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشتى.

  ھازىر دۇنيا 100 يىلدىمۇ بىر كۆرۈلمەيدىغان چوڭ ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلدى، خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، بىر بەلۋاغ بىر يولدىن ئىبارەت جۇڭگودىن باشلانغان، دۇنياغا مەنسۇپ بولغان ئۇلۇغ تەشەببۇس ئىدىيەدىن ھەرىكەتكە، ئارزۇدىن رېئاللىقا ئايلىنىپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيا بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى قېلىپ شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو تەمىنلىگەن، ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن دۇنياۋى ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلاندى.

  يېقىندا نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئاقىللار ئامبارلىرى ئارقا-ئارقىدىن تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىپ، بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە ئىستىقبالىغا ئىجابىي باھا بېرىپ، بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسىنىڭ رايون تەرەققىياتى ۋە دۇنيانى تەرتىپكە سېلىشكە بولغان ئەھمىيىتى بىلەن تەسىرىنى ناھايىتى ماختىدى.

  نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئاقىللار ئامبارلىرى ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: بىر بەلباغ بىر يول پەقەت جۇڭگونىڭ «يالغۇز كىشىلىك ئويۇنى» بولماستىن بەلكى يول بويىدىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇققا قازىنىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان «چوڭ خور» بولۇپ، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى تېپىلغۇسىز پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.

  رۇسىيە خەلقئارا ئىشلار كېڭىشى «ئۆيدىكى پىل – ئۇلىنىشچانلىق ھەققىدىكى قاراش» ماۋزۇلۇق دوكلات ئېلان قىلىپ، بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنىڭ ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى. «ئۆيدىكى پىل» دېگەن سۆز ئېنگلىزچە تەمسىل بولۇپ، ئىنتايىن ئېنىق، بىراق دائىم سەل قارىلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دوكلاتتا مۇنداق دەپ قارالدى: بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى تىلغا ئېلىنغاندا، ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك ئەللەر مەيلى جۇغراپىيەلىك سىياسىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئىقتىساد جەھەتتىن بولسۇن، ئۆز ئارا رىقابەتلىشىدىغان پايدا ۋە قارالمىنى تاپىدۇ. مۇشۇنداق بولغان ئىكەن، بىز يەنىلا نۇرغۇن ئورتاق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى تالاپايمىز.

  2018-يىلى 12-ئايدا، رۇسىيە خەلقئارا ئىشلار كېڭىشى بىلەن گېرمانىيە تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتى ھەمكارلىشىپ «ياۋروپا-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنى ئۇلاشتۇرايلى – ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى-رۇسىيە-جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك سۆزلىشىشى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى»نى ئاچتى. گېنت داشۆسىنىڭ ياردەمچى پىروفىسسورى بوسۇيىت ئاساسلىقى بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى، ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنى قانداق ئۇلاشتۇرۇش ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش دۆلەتلەر بىلەن شەھەرلەرنى قاتناش ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ئۇلاشتۇرۇپ، رايون ئوتتۇرىسىدىكى سودىنى ياخشىلاشنى كۆرسىتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا ئاساسىي جەھەتتىن ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونى، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن دۇنيادىكى باشقا ئەللەرنىڭ سودا ئالاقىسىنى مىسالغا ئالساق، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇغراپىيەلىك ئورۇن پەيدا قىلغان قولايسىزلىقنىڭ زىيىنىغا ئۇچراۋاتىدۇ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتسەك، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىقتىسادى بۇنىڭدىن چوقۇم نەپ ئالىدۇ.

  بوسۇيىت مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىر بەلباغ يول تەشەببۇسىغا پائال قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ سىجىللىقى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى دۇچ كەلگەن يادرولۇق مەسىلە. ئەگەر بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى بولمىغان بولسا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتىپاقىنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى بولمايتتى.

  ئاۋىسترالىيە ئاقىللار ئامبىرى روي خەلقئارا سىياسەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ دوكلاتىدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى نۇقتىلىق تىلغا ئېلىندى. بۇ دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، دۇنيادىكى كارخانىلارغا نىسبەتەن، تېخىمۇ ياخشى ئەركىن سودا كېلىشىمى ۋە كەسىپ ئۆلچىمى ئەڭ ئەسقاتىدىغان سىياسىيەت-تەدبىرىكەن. ئىقتىساد دىپلوماتىيەسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا مۇھىتىدا، نۇرغۇن كارخانىلار رايون ئىچىدىكى سودىغا قاراپ بۇرۇلۇش ياساۋاتىدۇ. ئاسىيا كارخانىلىرىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىنى ئەڭ چوڭ ئېشىش بازىرى دەپ قاراش نىسبىتى %29تىن %21كە چۈشۈپ قالدى، جۇڭگونىڭ كارخانىلىرىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى كۈتۈش نىسبىتى %12تىن %16ك ئۆرلىدى. دوكلاتتا جۇغراپىيەلىك سىياسىينىڭ مۇقىمسىز بولۇشى تېخىمۇ رايونلاشقان دۇنيا ئىقتىسادىغا تۈرتكە بولىۋاتىدۇ، دەپ قارالدى.

  بىلگىيە خەلقئارا كىرىزىس تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنىڭ بېرمىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئىجابىي ئەھمىيىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. دوكلاتتا: جۇڭگو-بېرما ئىقتىساد كارىدورىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو بىلەن بېرمىنىڭ ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسى تېزلىشىدۇ، دېيىلدى.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو بىلەن بېرمىنىڭ ئەمەلدارلىرى 2018-يىلى 9-ئايدا چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى. بۇ پىلان دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان تاشيول ۋە بېرمىنىڭ راكخېنې ئىشتاتىنىڭ جياۋپياۋ پورتى بىلەن جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ شەھىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان يېڭى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ لىنىيە شان ئىشتاتىنىڭ شىمالى ۋە ماندالاينى كېسىپ ئۆتىدۇ، بۇ پىلان يەنە ئالاقىدار سودا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئېنېرگىيە ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  مەزكۈر تۈر جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇب رايونىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان ئەمما ئىچكى قۇرۇقلاشتۇرۇلغان ئىقتىسادىنى ھىندى ئوكيانغا تۇتىشىدىغان يول بىلەن تەمىنلەپ، مالاككا بوغۇزىدىكى قىستاڭ يولنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان يەنە بىر تاللاش. ئۇزاق مۇددەتتىن قارىغاندا، بۇ قانۇنغا خىلاپ ئىقتىسادنى ئازايتىشى مۈمكىن، چۈنكى مۇنتىزىم ئىقتىسادتا پايدىلىق پۇرسەت بارلىققا كەلگەن بولغاچقا، توقۇنۇش ئاياغلىشىش ۋە مۇھىت بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى تۈگىتىلىش سەۋەبلىك بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  «بىر بەلباغ بىر يول» يەر شارى تەرەققىيات ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگونىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ ھەم جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى يول بويىدىكى ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تەڭ بەھىرلەندۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى جوڭگونىڭ تەرەققىيات «تېز پويىزىغا» ۋە «قولاي پويىزىغا» چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق خەلقئارا تەرتىپنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى يېڭى ئىھتىماللىق بىلەن تەمىنلەپ، ئىنسانلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان «جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتىنى» نامايەن قىلدى.

  شىۋېتسارىيە دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى «بىز جەزمەن بىرلىكتە يېڭى بىر دۇنيا تەرتىپىنى تىرىشىپ ئورنىتىمىز، بۇ بىزنىڭ ئۇسۇلىمىز» دېگەن دوكىلاتنى ئېلان قىلىپ، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزگەرتىش رولىنى ماختىدى. دوكىلاتتا مۇنداق دەپ ھىسابلاندى: ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان، ئۆزگەرمىگىنى شۇكى، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئاتالمىش «قائىدە» ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھوقۇق قارا نىيىتىنى يوشۇرۇپ، قانۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتمەكچى بولدى. بۇ ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان يادرولۇق دۆلەتلەرنىڭ يەر شارى تەرتىپىنى ئۆزگەرتىشنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلىش خاھىشىنى ئېغىرلاشتۇرۋەتتى.

  بۇ دوكىلاتتا مۇنداق دېيىلدى: سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ياۋروپالىق بىر ئالىم مۇنداق مۇلاھىزە قىلدى: يۇگۇسلاۋىيە ئۇرۇشى دەسلەپكى مەزگىلدە غەرپ ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتمىگەن، بەلكى غەرپ ئەللىرى ئاتالمىش«دۇنياۋى قىممەت» ئارقىلىق كېڭەيمىچىلىككە تۈرتكە بولۇشقا ئۇرۇنغاندا، بۇ ئۇرۇشلار «ناچار ئۈلگە» شەكىللەندۈردى. يەنە بىر تەرەپتىن، جۇڭگو ھەمكارلىشىش ۋە دۇنياۋىزىم نەزىرى ئاستىدىكى قوش پايدا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ خالايدۇ. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى يېڭى رايون ۋە دۇنياۋىزىملاشقان قوش پايدا ئېلىش تەدبىرى دەپ قارالدى. «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ئاساسلىق سودا لىنىيەسى بولغان يەر شارى ئاممىۋى ساھەسىنى باشقۇرۇشقا يېڭى خىرسنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماستىن، يەنە يېڭى مەبلەغ سېلىش يولى بىلەنمۇ تەمىنلىدى ھەمدە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى قاتارلىق باشقا يېڭى ئاپپاراتلار بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلدى.

  فۇسۇيت مۇنداق دەپ قارىدى: 2013-يىلى جۇڭگو «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تېما مودا بولۇشقا باشلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە بەزى مەزمۇنلار يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىراق، جۇڭگو بۇ تەشەببۇس ئاستىدا قىلغان نۇرغۇن ئىشلار ئىلگىرى كۆرۈلگەن. بۇنىڭ يېڭى قىسمى جۇڭگونىڭ غايەت زور مەبلەغ سېلىپ بۇ تەشەببۇسنى قوللاشنى پىلانلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەشەببۇسقا قاتناشقان باشقا دۆلەتلەرمۇ بارلىق ئىشلارغا ئىنتايىن ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى. ناھايىتى رۇشەنكى، جۇڭگو «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇمۇ جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى رەھبەرلىك ئورنىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مالايسىيا ليەنچاڭ خەلقئارا بانكىسى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەتقىقات يۇرتى ئۆتكۈزگەن جۇڭگو ئۇل ئەسلىھە تۈرى يىغىنىدا مۇنداق يەكۈن چىقىرىلدى: «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ مەزكۈر رايوننىڭ زور ئۇل ئەسلىھە ئىھىتىياجىنى ئويلاشقاندا جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھازىرقى قويۇق ئىقتىساد مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى كەلگۈسىدىكى تېخىمۇ زور ھەمكارلىقنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ، چۈنكى جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى، جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەرتىپكە سېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى زۆرۈر، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى بىرلا جۇڭگونىڭ غەلبىسى بولۇپلا قالماستىن، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى.

  ئاۋسترالىيە خەلقئارا ئىشلار ئاۋسترالىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ دوكىلاتىدا «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ياپونىيەگە ئېلىپ كەلگەن پۈرسىتى تىلغا ئېلىندى. دوكىلاتتا مۇنداق دەپ قارالدى: ياپونىيە جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئۆزىگە مۇھىم ئىقتىسادىي پۈرسەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتتى. 2017-يىلى 6-ئايدا، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابىشىنزو توكيودا نۇتۇق سۆزلىگەندە: ياپونىيە جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ بىر يول» تەسەببۇسدىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، دېدى. 2018-يىلى 10-ئايدا ئابىشىنزو جۇڭگودا ئۈچ قېتىم زىيارەتتە بولدى. بۇ قېتىمقى زىيارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى يەنى 3- دۆلەتتىكى 52 بىرلەشمە ئۇل ئەسلىھە تەرەققىيات تۈرىدە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ياپونىيەنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىغا«نامدا» قاتنىشىۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى.

  ئاۋستىرالىيە سىياسەت ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان «ئاۋستىرالىيەنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە مۇساپىسى» دېگەن دوكلاتتا، ھۆكۈمەتنىڭ جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەنلىكى قۇۋەتلەندى. دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. ئاۋستىرالىيەنىڭ سودا مىنستىرى سىمۇن بىرمىڭخام مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئاۋستىرالىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە مەبلەغ چىقىرىپ ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى خالايدۇ.

  يوقلىقتىن بارلىققا كېلىشكىچە، نۇقتىدىن دائىرگىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئىشەنچسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى، ئاچقۇچلۇق تۈرلەر ۋە ئۈلگىلىك قۇرۇلۇشلار ئارقا-ئارقىدىن ئەمەلىيلەشتى، يول بويىدىكى دۆلەتلەر خەلقى بارغانسېرى كۆپ ھەقىقىي ئېرىشىش تۈيغۇسىغا ئىگە بولدى. نۇرغۇن خەلقئارا ئاقىللار ئامبارلىرىنىڭ تەتقىقات دوكلاتلىرىدا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا بولغان تولۇق ئىشەنچ كۆرسىتىپ بېرىلدى.

  ئىتالىيە خەلقئارا سىياسى تەتقىقات ئورنىنىڭ «2019-يىلدىكى دۇنيا» دېگەن دوكلاتىدا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئارزۇغا يۇقىرى باھا بېرىلدى. دوكلاتتا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: ئۆتكەن بەش يىلدا، ئۇل ئەسلىھەلەرگە بولغان ئېھتىياجنىڭ يەر شارى قارالمىسىدىكى ئورنى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، بۇنىڭ بەزى سەۋەبى شۇكى، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىقتىساد جەھەتتە كۈچلۈك ئىلگىرىلىدى. دۆلەتلەرنىڭ بارغانسېرى بېيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۈستىگە ئالىسا بولىدۇ ھەمدە شۇنداق قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو يېڭى ياردەم بەرگۈچىگە، ئىئانە قىلغۇچىغا ئايلاندى ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى كىشىنىڭ دىققتىنى تارتىدىغان ئارزۇغا ئىگە قىلدى. بۇ ئارزۇغا ئىككى تەرەپنىڭ ياردەم بېرىش ئاپپاراتلىرى شۇنداقلا ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى قاتارلىق جۇڭگو رەھبەرلىكىدىكى كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلار ياردەم بېرىدۇ.

  دوكلاتتا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تېخىمۇ بېيىدى، تېخىمۇ ئەركىنلەشتى، شەھەرلىشىش دەرىجىسى تېخىمۇ ئۆستى، ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچەيدى. شۇڭلاشقا، ئەگەر غەرب دۆلەتلىرى جۈملىدىن، ئىتالىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە باشقا دۆلەتلەر ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۈمىدى ۋە ئارزۇسىنى قانائەتلەندۈرەلمىسە، ئۇنداقتا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سودىسىنى جۇڭگوغا تاپشۇرىدۇ. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنىڭ قەرىز پۇل سوممىسىنى %40 ئۆستۈرۈشكە كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، دۇنيا بانكىسى ۋە خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرىمۇ كاپتالنى كۆپەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ.

  ياۋروپا ئىقتىساد ئاقىللار ئامبىرىنىڭ كۈبلۇگەر ئىلگىرى ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»دىن ئىبارەت مۇشۇنداق دۇنياۋى ھەمكارلىققا تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىشىغا ئەگىشىپ، ياۋروپا كەلگۈسىدە «بىر بەلباغ بىر يول» ئېلىپ كەلگەن قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش، تىرانسپورت ئەشيا ئوبوروتى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلاردىن تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىدۇ، رايون ئىچىنىڭ سودا سەۋىيەسى ۋە قاتلىمى ئۈزلۈكسىز ئۆسىدۇ. دوكلاتتا يەنە مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئاسىيا، ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىقتىساد چەمبىرىكىنىڭ چەمبەرچەس باغلىنشىىغا تۈرتكە بولىدۇ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقى ئاسىيا، ياۋروپانىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق قەدەمگە ئايلىنىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سوبيېكىت بولغان ئاسىيا ۋە ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان ياۋروپانىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۆز-ئارا نەپ يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا كۆرۈش» تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدۇ.

  سىنگاپۇر جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكلاتىدىمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئىستىقبالى ئۈمىدۋارلىق بىلەن مۆلچەرلەندى. دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، چېتىلىدىغان دۆلەت دائىرىسى ۋە سانىنى كۆزدە تۇتقاندا، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئۆزىنىڭ چېگرا ھالقىغان شەكىللىك ۋە سېفىرلىق چوڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرى ئارقىلىق، ھىندى ئوكيان، تىنچ ئوكيان رايونىدا يېڭى يەر شارى ئىقتىساد مەركىزى قۇرۇش يوشورۇن كۈچى بار.

  بۇ دوكلاتتا يەنە مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئالايلۇق ئاسىيا-ئافرىقا ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش كارىدورى، بېنېگال- جۇڭگو- ھىندسىتان- بىرما ئىقتىساد كارىدورى، خەلقئارا جەنۇب- شىمال تىرانسىپورت كارىدورى ۋە رۇسىيە رەھبەرلىكىدىكى ياۋروپا، ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى قاتارلىق رايوننى ئۇلاشتۇرىدىغان باشقا تەشەببۇسلارنىڭ كۆپ قاتلاملىق رايوننى ئۇلاشتۇرىدىغان رامكىنى يېڭى ئىستىقبالغا ئىگە قىلىشى زۆرۈر، بۇنىڭدىن مەقسەت، رىقابەتلەشمەستىن بەلكى بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنى تولۇقلاش.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ