مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇرتداشلار بىر-بىرىنىڭ گېپىنى چۈشەنمەيدىكەن، بۇ خىل ئەھۋالنى سىز ئۇچرىتىپ باققانمۇ؟

2019.08.16 16:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  يۇرتداشلار بىر-بىرىنىڭ گېپىنى چۈشەنمەيدىكەن، بۇ خىل ئەھۋالنى سىز ئۇچرىتىپ باققانمۇ؟ ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2011-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئەگەر ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان ئىكى ھىندىستانلىق يولدا ئۇچرىشىپ قالسا، ئۇلارنىڭ پاراڭلىشىش مۇمكىنچىلىكى ۋە بىر-بىرىنىڭ گېپىنى چۈشىنىش دەرىجىسى ئاران %36 ئىكەن.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ھىندىستاندا 5\1 قىسىم كىشى ئىككى خىل تىل بىلىدۇ، لېكىن يېزىش ۋە ئوقۇشنى بىلىشى ناتايىن؛ پەقەت %7 كىشىلا ئۈچ خىل تىل ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بىلەن پىكىرلىشىدۇ. %36 دېگەن بۇ سان ئوتتۇرىچە قىممەت بولۇپ، كونكېرتلاشتۇرۇش ئۈچۈن شۇ كىشىنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكىگە قاراش كېرەك. ئەگەر بىر كىشى تامىل نادۇ ئىشتاتىدىن، يەنە بىر كىشى غەربىي بېنگال ئىشتاتىدىن كەلگەن بولسا، بۇ ئىككى كىشىنىڭ پاراڭلىشىش نىسبىتى ئاران %1.6. ئەگەر بىر كىشى شىمال ئىشتاتىدىن، يەنە بىر كىشى ئۇتتاراخان ئىشتاتىدىن كەلگەن بولسا، بۇ ئىككى كىشىنىڭ پاراڭلىشىش نىسبىتى %95 بولىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى ھەر قايسى ئىشتاتلار ھىندى تىلىنى ھۆكۈمەت تىلى قىلغان، شۇڭا ھىندىستاننىڭ شىمالىدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئۆز ئارا پاراڭلىشىش نىسبىتى يۇقىرى. لېكىن شىمال ئىشتاتىدىن كەلگەن بىر كىشى بىلەن غەربتىكى گۇجرات ئىشتاتىدىن كەلگەن بىر كىشىنىڭ پاراڭلىشىش مۇمكىنچىلىكى %42كە چۈشۈپ قالىدۇ، شىمال ئىشتاتىدىكى كىشىلەر بىلەن تامىل نادۇ ئىشتاتىدىكى كىشىلەر پاراڭلىشىپ قالسا، بىر-بىرىنىڭ تىلىنى چۈشىنىش نىسبىتى ئاران %3.

  بىر ئىشتات ئىچىدە نۇرغۇن تىل بار بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىنى چۈشەنمەسلىك ھادىسىسى مەۋجۇت. مېغالايا ئىشتاتىدىكى ئىككى ناتونۇش كىشىنىڭ پاراڭلىشىش نىسبىتى %37.1، ناگالان ئىشتاتىدا ئاران %24.3 بولۇپ، پۈتۈن ھىندىستان بويىچە ئەڭ تۆۋەن، بىر ئىشتاتتىكى 10 نەچچە قەبىلە ئۆز تىلىدا سۆزلىشىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا سەۋەبچى بولغان سەۋەب شۇكى، ھىندىستاننىڭ بىرىنچى ھۆكۈمەت تىلى بولغان ھىندى تىلىنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى بەك تۆۋەن. بۇنىڭدىن باشقا كۆپ خىل تىل بىلىدىغان كىشلەرمۇ ناھايىتى ئاز.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ