مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يەرشارىنىڭ ئاچارچىلىق ئەھۋالى ئېغىرلاشتى

2019.08.16 16:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2018-يىللىق دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئوزۇقلۇق ئەھۋالى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، 2017-يىلى پۈتۈن يەرشارىدا 821 مىليون كىشىگە ئاشلىق يېتىشمىگەن، بۇ سان ئۇدا ئۈچ يىل ئاشقان. ئەگەر بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش كۈچەيتىلمىسە، 2030-يىلى ئاچارچىلىقنى تۈگىتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىكەن.

  دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئوزۇقلۇق ئەھۋالى دوكلاتىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتى، خەلقئارا يېزا ئىگىلىكى تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى، دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىرلىشىپ تۈزگەن بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئاچارچىلىقنى تۈگىتىش ۋە ئوزۇقلۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: كېلىمات ئۆزگىرىشى ۋە رايون توقۇنۇشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، 2017-يىلى يەرشارىدا تويغۇدەك تاماق يېيەلمەيدىغانلارنىڭ سانى 2016-يىلىدىكىگە قارىغاندا يەنە كۆپەيدى. يەمەن، ئافغانىستان قاتارلىق نۇرغۇن ئەللەر ئۇرۇش ئازابى تارتىۋاتقاندا ئۆتكەن يىلى يەنە كەلكۈن ۋە قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە دۇچ كەلدى، بۇنىڭ بىلەن قىيىنچىلىق ئېغىرلاشتى.

  سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا ئاچارچىلىق مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر رايونلار. ئافرىقىنىڭ شەرقى يېمەكلىك يېتىشمەسلىك مەسىلىسى ئېغىر رايون، ئوزۇقلۇق ناچار بولۇش نىسبىتى %31.4كە يەتكەن. جەنۇبىي ئامېرىكا ئاساسلىقى ئېكسپورت مەھسۇلاتى خام نېفىت بازىرىنىڭ باھاسى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، نېفىت ئېكسپورت قىلىش جەھەتتىكى چوڭ دۆلەت ۋېنسۇئېلانىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر.

  دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 51 دۆلەتتىكى 124 مىليونغا يېقىن كىشى دۇچ كەلگەن ئاچارچىلىق قىيىنچىلىقى كىرىزىس دەرىجىسىگە يەتتى. پۈتۈن يەرشارىدىكى بەش ياشتىن تۆۋەن 151 مىليون بالىنىڭ ئوزۇقلۇقى ياخشى ئەمەس بولۇپ، بۇ %22نى ئىگەللىدى.

  يەنە بىر تەرەپتىن، يېمەكلىك يېتىشمەسلىك شۇنداقلا يېمەكلىككە مۇقىم ئېرىشەلمەسلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن قىسمەن ئەللەرنىڭ ئاممىسى ساغلام يېمەكلىك يىيەلمەي، ئەرزان باھالىق، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرگە تايىنىۋاتىدۇ، شۇڭا سېمىزلىك مەسىلىسى ئېغىرلىشىپ كەتتى. يەرشارىدىكى قۇرامىغا يەتكەن سېمىزلەرنىڭ سانى 2014-يىلدىكى 600 مىليوندىن 2017-يىلىى 672 مىليونغا كۆپەيدى. بۇ يەرشارىدىكى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ %13نى ئىگەللەيدۇ. ئەگەر ئاچارچىلىق مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسەك، 2030-يىلى ئاچارچىلىق تۈگىتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەسكە چۈشىدۇ.

  2015-يىلى 8-ئايدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 193 ئەزاسىنىڭ ۋەكىللىرى 2015-يىلىدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسى ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، شۇ يىلى 9-ئايدا «دۇنيانى ئۆزگەرتەيلى – 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى» دېگەن تېمىدىكى ھۆججەتنى ماقۇللىغان. بۇ قارالما نۇرغۇن ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئاچارچىلىقنى تۈگىتىش، تەربىيەلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، دېڭىز-ئوكيان بايلىقىنى قوغداش، قۇرۇقلۇقنىڭ ئېكېلوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش، زوراۋانلىقنى ئازايتىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يەرشارى شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدۇ.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئاسىيانىڭ ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلغانلىقتىن، يەشارىدا يېمەكلىك يېتىشمەيدىغانلارنىڭ سانى پەيدىن پەي ئازايغان. 2015-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى: 1990-يىلىدىن بۇيان 200 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئاچارچىلىقتىن قۇتۇلدى، دەپ جاكارلىغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ