مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چاۋشيەننىڭ قويۇپ بېرىش پائالىيىتىنىڭ ھەربىي مانىۋېر ۋە چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىر-بىرىگە كۈچ كۆرسىتىشىدە قانداق ئەھمىيىتى بار؟

2019.08.16 16:27 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  كورىيە ئارمىيەسى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى: چاۋشيەن شۇ كۈنى «ئېنىقسىز قويۇپ بېرىش گەۋدىسى» دىن ئىككىنى قويۇپ بەردى، دېدى. بۇ يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، چاۋشيەننىڭ 5-قېتىم قويۇپ بېرىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى. بۇ قويۇپ بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىۋاتقان ئامېرىكا- كورىيە بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرىغا قارىتىلغان دەپ قارالدى.

  تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا بىر تەرەپتىن قويۇپ بېرىش پائالىيىتى ۋە بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئارقىلىق كۈچىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن بوشلۇق قالدۇرۇپ، سۆھبەتلىشىشنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى. كەلگۈسىدە ئىككى تەرەپنىڭ كىچىك ئىختىلاپلارنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، ئورتاق تونۇشنى تېپىپ چىقىش چىقالماسلىقى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدە قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاش تاشلىيالماسلىقتىكى ئاچقۇچ.

  يېقىندا چاۋشيەننىڭ قويۇپ بېرىش پائالىيىتى كۆپەيدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تۆت قېتىملىق قويۇپ بېرىش پائالىيىتى ئايرىم-ئايرىم 7-ئاينىڭ 25-كۈنى، 7-ئاينىڭ 31-كۈنى، 8-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋە 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. چاۋشيەن 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئامېرىكا بىلەن كورىيەنى بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرنى باشلاش چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ خىزمەت كېڭىشىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. چاۋشيەن ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە: 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى قويۇپ بېرىش پائالىيىتى كورىيە ھەربىي دائىرىلىرىدىكى «ئۇرۇشخۇمار كۈچلەر» نىڭ ئەڭ يېڭى ھۇجۇم خاراكتىرلىك قوراللارنى كىرگۈزۈش ھەمدە زورلۇق بىلەن بىرلىشىپ مانىۋېر ئۆتكۈزۈشىگە قارىتىلغان ئاگاھلاندۇرۇش دېيىلدى.

  بىراق، ئامېرىكا بىلەن كورىيە چاۋشيەننىڭ قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشىگە قارىماستىن 8-ئاينىڭ 5-كۈنى يەنىلا ئەسلى پىلان بويىچە بىرلىشىپ ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى. چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ باياناتچىسى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ بىرلىشىپ ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشى چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق باياناتى ۋە چاۋشيەن بىلەن كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى خىتابنامىگە خىلاپ دەپ ئەيىبلەپ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان چاۋشيەننىڭ قارشى تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىشىدا ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار دېدى.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ۋە يەر شارى ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ جۈنشېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: چاۋشيەننىڭ يېقىندىكى قويۇپ بېرىش پائالىيىتى بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ دۆلەت مۇداپئە كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رېئال ئىھتىياجىدىن بولغان، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ خىل تەدبىر ئارقىلىق ئامېرىكىنى يول قويۇشقا مەجبۇرلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش يولىدا مەلۈم خىل ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشتىن بۇرۇن، مەيلى چاۋشيەننىڭ كەينى كەينىدىن قويۇپ بېرىشى بولسۇن، ياكى ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ بىرلىشىپ ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشى بولسۇن، ئۇنىڭ ماھىيىتى قارشى تەرەپكە بېسىم قىلىش بولۇپ، مەقسەت يادروسىزلاشتۇرۇش سۆھبىتىدە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئېرىشىشتىن ئىبارەت.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، چاۋشيەن ئىلگىرى نەچچە قېتىم قويۇپ بەرگەن قويۇپ بېرىش گەۋدىسىنىڭ قويۇپ بېرىش مۇساپىسى قىسقا مۇساپىلىق بولۇپ، چاۋشيەن ئۇنى «يېڭى تىپتىكى تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان قورال» ياكى«چوڭ دىيامېرتىرلىق راكېتا زەمبىرىكى» دېدى. ئامېرىكا ياپونىيە كورىيە بولسا ئۇنى قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا دەپ قارىدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى يېڭى ئامېرىكا خەۋپسىزلىك مەركىزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى جىندۇيۇەن مۇنداق دەپ قارىدى: چاۋشيەننىڭ قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بېرىشنى تاللىشى ھەم مۇئەييەن دەرىجىدە قاتتىق پوزىتسىيەنى ساقلاپ، ئۆزىنى تېخىمۇ پايدىلىق ۋەزىيەت بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك چاۋشيەن- ئامېرىكا سۆھبىتىنى باشلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايدۇ ھەم ئامېرىكىنى ئۈزۈل-كېسىل غەزەبلەندۈرمەيدۇ.

  ئەكسىچە ئامېرىكا تەرەپنى كۆزىتىدىغان بولساق، گەرچە ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماستىن ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، چاۋشيەننىڭ قويۇپ بېرىش پائالىيىتىمۇ ئىنتايىن «تەمكىن» بولدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 8-ئاينىڭ 2-كۈنى چاۋشيەننىڭ قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بېرىشى مەن كىم جۇڭئۇن بىلەن ھاسىل قىلغان كېلىشىمگە خىلاپ ئەمەس دېدى. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرى ئېسپېر 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ قويۇپ بېرىش پائالىيىتىگە «زىيادە ئىنكاستا» بولمايدۇ، سۆزلىشىش ئىشىكى داۋاملىق ئوچۇق بولىدۇ دېدى.

  تىرامپ 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاق سارايدا تاراتقۇلارغا ئۆزىنىڭ چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئىننىڭ خېتىنى يەنە بىر قېتىم تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.كىم جوڭئىن خېتىدە ئامېرىكا ـ كورېيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ترامپ يەنىلا بۇنى گۈزەل ۋە ئىنتايىن ئاكتىپ خەت، دېدى.

  ئۇ يەنە چاۋشيەننىڭ يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرمىگەنلىكىنى ياكى يادرو سىنىقى قىلمىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى ھەمدە كەلگۈسىدە كىم جۇڭئىن بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: مەيلى كىم جۇڭئىننىڭ خەت يېزىش ھەرىكىتى بولسۇن ياكى تىرامپنىڭ خەتنى ئاشكارىلىشى ۋە ئالاقىدار ئىپادە بىلدۈرۈشى بولسۇن،ۋە ياكى چاۋشيەننىڭ قىسقا مۇساپىلىك قويۇپ بېرىش گەۋدىسى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا بولغان تەمكىن پوزىتسىيەسىنى تاللىشى بولسۇن،بۇ ئىككى تەرەپنىڭ بىر ـ بىرىگە بېسىم ئىشلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىمكانىيەت قالدۇرۇپ، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق چاۋشيەن يادرو مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ يەنىلا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  بۇ يىل 2ـ ئايدا چاۋشيەن ـ ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ خانوي ئۇچرىشىشى نەتىجىسىز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چاۋشيەن ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش سۆھبىتى قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. تىرامپنىڭ 6ـ ئاينىڭ 30ـ كۈنى پانمۇنجومدا كىم جۇڭئىن بىلەن قىسقا ۋاقىت كۆرۈشۈشى سۆھبەتلىشىشكە يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، لېكىن ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بېكىتكەن خىزمەت كېڭىشىنى قايتا باشلاش ئوڭۇشلۇق بولمىدى.بۇندىن بۇرۇنقى سۆھبەتتە، ئامېرىكا چاۋشيەندىن ئالدى بىلەن يادرو قورالىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشنى ،بولمىسا چاۋشيەنگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي جازانى بوشاشتۇرۇپ قويمايدىغانلىقىدەك تەلىپدە چىڭ تۇردى.چاۋشيەن بولسا باسقۇچقا بۆلۈش، ھەرىكەتكە ماس ھەرىكەت قوللىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇردى، بىر يولىدىلا ھەل قىلىشنى خالىمىدى.

  ۋاڭ جۈنشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزارا ئىشىنىشى كەمچىل، ئىختىلاپ كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، كەلگۈسى يادروسىزلاشتۇرۇش سۆھبىتى جەريانىدا، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەننىڭ مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشىنى ھەقىقىي ئويلىشىش ـ ئويلاشماسلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا يادروسىزلاشتۇرۇش يولى ۋە نىشانىدىكى ئېغىر ئىختىلاپنى ئۈنۈملۈك كىچىكلىتىش ـ كىچىكلەتمەسلىكى يېرىم ئارال مەسىلىسىدە قاتمال ۋەزىيەتنى بۇزۇش ـ بۇزالماسلىقنىڭ ئاچقۇچى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ