خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت نىڭ 15- چېسلا نيۇيورك باش ئىشتابىدا ئېلان قىلغان «دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئوزۇقلۇق ئەھۋالى» دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۈتۈن دۇنيادا ئاچ قېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا كۆپەيگەن، 2018- يىلىغىچە دۇنيا بويىچە يېمەكلىك يېتىشمەسلىك قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن ئادەم سانى 821 مىليون 600 مىڭغا يەتكەن.
شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان 2019- يىللىق دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا ئاچ قالغان كىشىلەر سانىنىڭ ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا داۋاملىق تۆۋەنلىگەن، 2015- يىلىدىن بۇيان ئاساس جەھەتتىن %11تىن تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىغان. لېكىن، مۇتلەق ئادەم سانىدىن قارىغاندا، 2018- يىلى پۈتۈن دۇنيادا ئاچ قالغان كىشىلەرنىڭ سانى 821 مىليون 600 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇ سان 2017- يىلى، 2016- يىلى ۋە 2015 - يىلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 811 مىليون 700 مىڭ؛ 796 مىليون 500 مىڭ ۋە 785 مىليون 400 مىڭ ئىدى.
دوكلاتتا يەنە دۇنيادا كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان سېمىزلىك مەسىلىسىگىمۇ دىققەت قىلىنغان. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، سېمىزلىك ھەر يىلى تەخمىنەن 4 مىليون ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ھەمدە ھەربىر ياش بۆلىكىدىكى كىشىلەرنىڭ سېمىزلىك مەسىلىسىگە دۇچ كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوقۇش يېشىدىكى كىشىلەر سېمىزلىك كۆپ يۈز بېرىدىغان توپقا ئايلاندى، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى يېتەرلىك بولماسلىق، تېز تاماقلارنى كۆپ يېيىش، گازلىق ئىچىملىكنى كۆپ ئىچىش ھەمدە بەدەن چېنىقتۇرۇش كەمچىل بولۇش قاتارلىقلار ئامىللارغا باغلىق.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ