مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

زۇڭلى لى كېچياڭ قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى

2019.07.09 16:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 8- كۈنى گوۋۇيۈەن جۇڭنەنخەيدە ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ۋە «گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى تەيىنلىگەن دۆلەت خادىملىرى ئاساسىي قانۇن قەسىمى تەشكىلاتى چارىسى»گە ئاساسەن، 2018- يىلى 11- ئايدىن 2019- يىلى 6- ئايغىچە گوۋۇيۈەن تەيىنلىگەن 25 تارماق ۋە ئورۇننىڭ 28 مەسئۇلى قانۇن بويىچە ئاساسىي قانۇن قەسىمى بەردى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى شياۋ جيې ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. ئارقىدىن قەسەم باشلىغۇچى قولىدا ئاساسىي قانۇن كىتابىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، قەسەمنامە ئوقۇدى، قەسەم بەرگۈچى باشقا كىشىلەر ئارقا سەپتە سەپ تۈزۈپ تۇرۇپ، قەسەمنامە ئوقۇدى.

  قەسەم بەرگەندىن كېيىن، لى كېچياڭ كۆپچىلىكتىن تۆۋەندىكىلەرنى تەلەپ قىلدى: يەنى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، « ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىدە چىڭ تۇرۇش بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز ئىكەنلىك بۇ بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پاك ـ دىيانەتلىك بولۇپ، تېخىمۇ روھلۇق روھىي ھالەت ۋە تېخىمۇ ئەمەلىي خىزمەت ئىستىلى بىلەن مەسئۇلىيەتنى تىرىشىپ ئادا قىلىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي ۋە ئىناق، ھەمدە گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىدىن خەن جېڭ، سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، ليۇ خې، دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ، جاۋ كېجى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى مۇراسىمغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ