مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەخسۇس زىيارەت: شىنجاڭدىكى تەربىيەلەش مەركىزى «مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى»

−− بېلارۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋە ئىش بېجىرىش ئورنىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى پىسالېۋىچنى زىيارەت

2019.07.10 14:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېلارۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋە ئىش بېجىرىش ئورنىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى پىسالېۋىچ يېقىندا مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ: «بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، ئۇ يەردىكى زامانىۋى ئەسلىھەلەر ۋە كەسىپكە پىششىق ئوقۇتقۇچىلار ‹مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى›»، دېدى. ئۇ بىر قىسىم غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە سىياسەتۋازلارنىڭ تەلىم-تەربىيە مەركىزىگە قەستەن قارا سۈركىگەنلىكىگە قارىتا رەددىيە بېرىپ، «بىر مەكتەپنى كۆپ قۇرغاندا، بىر تۈرمىنى ئاز سالغىلى بولىدۇ» دەپ تەكىتلىدى.

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، پىسالېۋىچ بۇ يىل 2- ئايدا باشقا يەتتە دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭنى زىيارەت قىلدى، ئارىلىقتا قەشقەر، خوتەن ئىككى جايدىكى تەربىيەلەش مەركىزىنى زىيارەت قىلدى. پىسالېۋىچ مۇنداق دېدى: بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرى ۋە سىياسەتۋازلار پاكىتقا قارىماي، تەربىيەلەش مەركىزىنى «جازا لاگىرى» دەپ ئاتىدى، «بۇ قايغۇلۇق سۆزلەر بىلەن شىنجاڭنى تەسۋىرلەش ئەمەلىيەتتە سىياسىي مەقسەت بىلەن قارىلاشتۇر».

  پىسالېۋىچنىڭ دېيىشىچە، بۇ تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن تۇنجى تەسىرى تىپىك ئۇنىۋېرسىتېت ياكى ئىنستىتۇت ئىكەن. ئېكسكۇرسىيە مەزگىلىدە، ئۇ تەربىيەلەش مەركىزىدىكى كۇرسانتلار بىلەن 20 مىنۇت تىكتاك توپ ئوينىغان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى كەيپىيات «ئەركىن، ئازادە، دوستانە» ئىكەن.

  شىنجاڭدىكى تەلىم-تەربىيە مەركەزلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇ فىرانسىيە يازغۇچىسى ھيۇگونىڭ «بىر مەكتەپنى كۆپ قۇرغاندا، بىر تۈرمىنى ئاز سالغىلى بولىدۇ» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزىنى نەقىل كەلتۈردى. ئەگەر بۇ تەربىيەلەش مەركەزلىرى بولمىغان بولسا، يېنىك جىنايەت ئۆتكۈزگەن ياشلار تۈرمىگە كىرىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ: «غەربتىكى ئاشۇ تەنقىدچىلەر بۇنداق نەتىجىگە خۇشال بولىدىغان- بولمايدىغانلىقىنى بىلگۈم بار»، دېدى.

  قەشقەردىكى تەربىيەلەش مەركىزىدە، بىر ياش قىز ئوقۇغۇچى پىسالۋىچقا ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچراپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەربىيەلەش مەركىزىگە كەلگەندىن كېيىن، «نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكى»نى ئېيتتى.

  پىسالىۋىچ شۇ جايدىكى ئەمەلدارلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەمدە قانۇنغا يېنىك خىلاپ جىنايى قىلمىش سادىر قىلغانلارنى ئىدىيە ئۆزگەرتىش، دۆلەت ئورتاق تىلى، قانۇن بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، بۇ سۇپىنىڭ دەل تەربىيەلەش مەركىزى ئىكەنلىكىنى بىلدى.

  پىسالېۋىچ بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۇ كۆپ يىل تەتقىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرغان «كىشىلىك ھايات تەربىيەسى» پىلانى بىلەن بىر يەردىن چىققانلىقىنى، بۇ ئۇقۇمنىڭ ئەڭ ياخشى ئەمەلىي مىسال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «كىشىلىك ھايات تەربىيەسى» ئىدىيەسىنى ئەڭ بۇرۇن ئامېرىكىلىقلار 20-ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى − كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا پىسخىكا، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى جەھەتتە تەربىيەلەش ئارقىلىق، زەھەر چېكىش قاتارلىق ناچار كەچۈرمىشلىرى بار ياشلارغا نېمىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك، نېمىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مەھەللە ۋە جەمئىيەتتە قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ۋە تېخىمۇ ئاكتىپ كۈچكە ئىگە ئەزا بولۇشىغا ياردەم بېرىش ئىكەن. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئىدىيە بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

  پىسالېۋىچنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭدىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرى ۋە «كىشىلىك ھايات تەربىيەسى» پىلانى ياشلارنى توغرا-خاتانى پەرقلەندۈرۈشكە تەربىيەلەپ، شۇ ئارقىلىق ناچار ئازدۇرۇش ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىشقا تاقابىل تۇرۇپ، پاسسىپ «ھەمراھ بېسىمى»نى ئاكتىپ ھەمراھ تەسىرىگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. پىسالېۋىچ مۇنداق دېدى: «مەن قەشقەردىكى تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۇچراتقان ھېلىقى قىزنىڭ مۇشۇنداق ئۆزگىرىشنىڭ شاھىدى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. شىنجاڭدىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ